تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈزىتىپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىپ، نىشاننى كۆزلەپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى»نى ئوقۇدى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەت قىلىپ، قەتئىي ھالدا تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك ئىنتايىن كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن تۈزىتىشكە مۇئامىلە قىلىپ، تۈزىتىشنى ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇش، ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت قەتئىي ھالدا قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىش، پارتكوم شۇجىسى تۈزىتىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى خىزمەت تەقسىماتى بويىچە ئۆزى باشقۇرىدىغان ساھەدىكى تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، تارماقلار ماسلىشىش، يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ تەڭ تۇتۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قوغلىشىشى كېرەك. دىققەتنى مەسىلىنى تۈزىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق، ھەقىقىي تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلە ھەم پىكىر- تەكلىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈر بويىچە، ماددىمۇ ماددا تۈرگە ئايرىپ، ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ، تۈزىتىش لايىھەسى، كونكرېت تەدبىر ۋە تۈزىتىش تىزىملىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىرى تۈزىتىلسە بىرىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشى كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەر بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ھەر تۈرلۈك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش تۈزىتىشى، بىرتۇتاش ھەل قىلىشى كېرەك. تۈزىتىشنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، تۈزىتىش جەريانىدا ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش، نەتىجە-ئۈنۈمىنى ئاممىنىڭ باھالىشىغا قويۇش، نەتىجىسىدىن ئاممىنى رازى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى قاتتىق كۈچەيتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە تەشكىلات تارماقلىرى كۆزىتىش-تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈندىلىك نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، تۈزىتىشنى قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، ئاخىرىغىچە تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈلگىچە تۇتۇپ، تۈزىتىشى كۈچلۈك بولمىغانلار، قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئەپلەپ- سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەنلەر، تۈزىتىشتە ساختىلىق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، تىپىك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىشى كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. دەرھال تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىدا ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا، جايىدا تۈزىتىشى، تۈزىتىشكە ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغانلىرىدا باسقۇچ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىپىك دېلو مىساللىرىدىن ئومۇميۈزلۈك مەسىلىلەرنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش- تۈزىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «زىچ بىرلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك، مۇقىملىقنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تىنچ ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن پۇختا ئەلرايى ئاساسى سالىدۇ. نىشان- ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر كۆرسەتمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك؛ ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، خالىغانچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش خاھىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى مەخسۇس تۈزەشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ئېغىپ كەتمەسلىك، ساختىلىق قىلماسلىق، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىزدەنگۈچىلەرنى پائال رىغبەتلەندۈرۈپ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ، چەتنەپ كەتكەنلەرنى تۈزىتىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش، قاتتىق باشقۇرۇش، چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «تۆت خىل ھالەت»تىن دەل جايىدا پايدىلىنىپ، ياخشى سىياسىي ئۈنۈم، ئىنتىزام، قانۇن ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك ئىنتايىن كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن تۈزىتىشكە مۇئامىلە قىلىپ، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىپ، تۈزىتىشتە ئاشكارا بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزىتىش لايىھەسى، كونكرېت تەدبىرلەر ۋە تۈزىتىش تىزىملىكىنى ئايرىپ چىقىپ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىرى تۈزىتىلسە بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان پىكىرلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم-كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

  يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا (بازار، كوچا، باشقۇرۇش كومىتېتى)لاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.