دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇش تەن سالامەتلىككە پايدىلىق. ئەمما، چېنىقىش ئۇسۇلى توغرا بولمىغاندا بەدەننىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن.
خاتا ئۇسۇل: چېنىقىش بەك زىچ بولۇش
چېنىقىش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۇزۇن مەزگىل ئېغىر ھەرىكەت قىلغاندا ۋە ئۇيقۇ ئاز بولسا قاندىكى كورتىزول مىقدارى ئېشىپ، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ قەنتلەر كوللاگېن تالاسى بىلەن بىرىكىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا بەدەن چېنىقتۇرغاندا ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر كۈن دەم ئېلىش كېرەك.
خاتا ئۇسۇل: پەقەت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش
چېنىقىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم كىشىلەر پەقەت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۈچ مەشىقى بەدەن چېنىقتۇرمىغان ئەھۋالدىمۇ بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنى داۋاملىق خورىتىشقا ۋە مۇسكۇل ئېغىرلىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
خاتا ئۇسۇل: يۇقىرى سىجىللىقتىكى قەرەللىك چېنىقىشقا سەل قاراش
يۇقىرى سىجىللىقتىكى قەرەللىك چېنىقىش قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى سىجىللىقتىكى قەرەللىك چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللانغان ياشانغانلارنىڭ يىپسىمان تەنچە ئىقتىدارى %69 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بۇ، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلىكىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىپ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم يۇقىرى سىجىللىقتىكى قەرەللىك چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش تولىمۇ زۆرۈر.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى