شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگىتون، 2-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشتاتى سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىندا بايقىشىچە، باكتېرىيە ئۆپكە ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇڭا كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ ئانتىبىئوتىكلار ئارقىلىق ئۆپكە راكىنى داۋالىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار چاشقاننى تەجرىبە قىلغان. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، نورمال شارائىتتا بېقىلغان، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغان كىچىك چاشقانغا سېلىشتۇرغاندا، باكتېرىيەسىز شارائىتتا بېقىلغان، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغان چاشقاندىكى ئۆسمە خېلىلا كىچىك بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانتىبوتىكلار ئارقىلىق باكتېرىيە ئۆلتۈرگەندە ياكى ئالاقىدار دورىلارنى ئىشلىتىپ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا ياللۇغ بولۇشنى تىزگىنلىگەندە، كىچىك چاشقاننىڭ ئۆپكىسىدىكى ئۆسمىنىڭ سانى ۋە ھەجىمىنى كىچىكلەتكىلى بولىدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئۆپكە راكىنى داۋالايدىغان ئەڭ يېڭى ئۇسۇل بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
-خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى