بولكا تەركىبىنىڭ ئىنچىكە دانلىق زىرائەت ئىكەنلىكىگە قاراپلا ئۇنى راك پەيدا قىلىدۇ، دېيىش خاتا بولۇپ، پەقەتلا ئاساسى يوق.
بولكا يېيىشنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، بولكا ئىنچىكە دانلىق زىرائەتتىن پىشۇرۇلىدىغان بولغاچقا، بولكا پىشۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C قاتارلىقلارغا تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ئىنچىكە دانلىق زىرائەتتىن ياسالغان يېمەكلىك يېگەندە، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېنىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىن، مەسىلەن، تىل ياللۇغى، تېرە قۇرغاقلىشىش قاتارلىقلار.
گەرچە ئىنچىكە دانلىق زىرائەتتىن ياسالغان يېمەكلىك يېگەندە، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسىمۇ، يەنىلا ئۆلچەم مىقدارى چەكلىك، يەنى ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ بىرىدىلا يېيىلىدىغان بولغاچقا، باشقا تاماقلار بۇ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلايدۇ. شۇڭا بولكا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېيىش بىمەنە سەپسەتە.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى