تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2019-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋالغاندا، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغاندا، ئۇلاردىن ھال سورىغاندا ۋە بېيجىڭ ۋېيشۇچۈنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە يوقلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، «مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش»نى باش تېما قىلىپ، مۇزاكىرە، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى، يېڭى بىر يىلدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەدبىر، چارىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىشەنچ ۋە جاسارەتنى چىڭىتىپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىشەنچ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت، قەتئىي بوشاشمايدىغان كۈچلۈك ئىرادە بىلەن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك؛ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماي، خەلق ئۈچۈن ھوقۇقنى ئىشلىتىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئاڭلىق ھالدا خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ، كۈرەش قىلىش يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، كۈرەش قىلىش پالىقىنى چىڭ تۇتۇپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، قارار قىلىش، تەيىنلەش-قالدۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق جان تىكىپ ئېلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرگە توغرا قاراشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىلەرنى ئىلمىي ئانالىز قىلىپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، زىددىيەتكە تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك؛ پائال تۈردە ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى زىممىگە ئېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن مۇتەللىپ قاسىم، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى