تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مەشىق رېۋىزىيە نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى (لى يۈن، ۋۇ شۈ). مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مەشىق رېۋىزىيە نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى ئېلان قىلدى، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام» ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي مەشىق رېۋىزىيە ساھەسىدىكى تۇنجى قانۇن-نىزام بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇپ چىقىشنى كۆزلەپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ پارتىيەنىڭ ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەڭگىۋارلىق كۈچىدىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي مەشىق رېۋىزىيە تەشكىلىي سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغانلىرىنى قەتئىي تۈزىتىدىغان قاتتىق تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ھەربىي مەشىق ساھەسىدە قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن رىئايە قىلىدىغان، قانۇن ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولىدىغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرىدىغان تۈزۈم- قائىدىلەرنى ئورنىتىش يېڭى ۋەزىيەتتە ھەربىي مەشىقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش، ھەربىي مەشىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھەربىي مەشىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردە ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «نىزام» جەمئىي ئون باب، 61 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەربىي مەشىق رېۋىزىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرىسى ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەربىي مەشىق رېۋىزىيەسىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش شەكلى، ئۇسۇلى ۋە تەرتىپ باسقۇچلىرى قېلىپلاشتۇرۇلدى، ھەربىي مەشىقنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى، ھەرقايسى ساھەلىرىنى قاپلىغان، ھەربىي مەشىقنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلگەن ھەربىي مەشىق رېۋىزىيە تەشكىلاتىنىڭ مەشغۇلات ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى. «نىزام»دا پارتىيە ئىنتىزامى، ھەربىي قائىدىگە ئاساسەن، ھەربىي مەشىقتە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى بېكىتىش ئۆلچىمى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، ھوقۇق بولغان ئىكەن جەزمەن مەسئۇلىيەت بولۇش، مەسئۇلىيەت بولغان ئىكەن زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتەك ئېنىق يۆنىلىش بېكىتىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ مەشىق بىلەن ئەمەلىي جەڭنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى، مەشىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇشىغا نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىي تۇتۇش كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.