تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يەنە بىر قېتىم يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» «ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاراپ چىقىلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مول ماھىيەتلىك ئىچكى مەزمۇنى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى كۈچ توپلاش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى، تۈپ تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش قاتارىدا تۇتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى ئېلان قىلغاچقا، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقارغاچقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىدىكى شانلىق سەھىپە پۈتۈلدى. قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى تونۇش، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە پىلانلاش، نىشان- ۋەزىپىلەر، ئالغا سىلجىتىش تەدبىرلىرى، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، نىشان- ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، كۈچنى توپلاپ كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماسلىق، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەسلىك كېرەك. تۆتىنچى، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي تەدبىردە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، قىيىن ئۆتكەلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىش كېرەك. بەشىنچى، كۆزىتىش- تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى بويىچە، كۆزىتىپ قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم- كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، مەسىلە ئېنىقلانمىغىچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمىگىچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغىچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما رازى بولمىغىچە قويۇۋەتمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئەمەلىي بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانى پۇختا بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسى چىن بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، نامرات رايون ۋە نامرات ئاھالىنىڭ ئۆزى قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەتتىنچى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تىپ ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنى ئەمگەكچان ئىككى قولى ۋە قەيسەر ئىرادىسىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىيدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك. سەككىزىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدىغان، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، پارتكوم شۇجىلىرى «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى»لىقنى ياخشى ئۆتەپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تىزىملىكى تۇرغۇزۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى