ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ھورمون سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ، سۆڭەك زىچلىقى ۋە كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، سۆڭەك چۈرۈكلىشىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر قېتىمدا ئالتە مىنۇتتىن، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30نى سەكرەپ بەرگەندە، سۆڭەك زىچلىقىنى ھەر يىلدا %2 ئاشۇرۇشقا، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن.
بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار تەتۈر يۆنىلىشتە سەكرەپ بەرسە سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدىكەن، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاياللارنىڭ بىلىكىنى ئۇزۇن سوزۇپ ئايلاندۇرۇپ تۇرۇپ، يوتا مۇسكۇللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ سەكرەش تەلەپ قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئاياللار باشقا خىل سەكرەش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بەرسىمۇ بولىدىكەن، مەسىلەن، تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىن سەكرەش. بۇ خىل سەكرەش ھەرىكىتىدە پەقەت پۇت ۋە بىلەك مۇسكۇلىغا بېسىم كەلسىلا، سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدىكەن.
راھىلە ئازاد تەرجىمىسى