تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2019- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى>نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2019- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋالغاندا، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغاندا، ئۇلاردىن ھال سورىغاندا ۋە بېيجىڭ ۋېيشۇچۈنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يوقلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، «ئاپتونوم رايوننىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى>نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2019- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە كۈرەش مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، يېڭى بىر يىلدىكى پۇرسەت، خىرىسقا تولغان مۇساپىگە نەزەر سېلىنىپ، قەتئىي ئىشەنچ يەتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئىرادىسى ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشنى يارىتىش ئىشەنچىسىگە ئىنتايىن زور ئىلھام بېرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، مۇھىم، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاخبارات ئېلان قىلىش پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىققا، مۇقىملىققا كۈچەشتە، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرى يېتەكچىلىكى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى» پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «پىكىر»دىكى تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلىشىنى كېڭەيتىپ، يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىقىغا ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىغا، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.