تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] مۇخۇر كەنتىدىكى دوختۇرلۇق قىلىۋاتقىنىغا 46 يىل بولغان «شى لەيلې»

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ خۇاگۇاڭ، ۋاڭ شياۋ): چاغانتوقاي ناھىيەسى يېڭىيەر يېزىسى مۇخۇر كەنتىدە، 63 ياشلىق كەنت دوختۇرى لى جۇڭۋۇ يەنىلا ھەر كۈنى يېزا-كەنت دوختۇرىلىق ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرماقتا، دوختۇرلۇق قىلىۋاتقىنىغا 46 يىل بولغان لى جۇڭۋۇ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى ئۈن-تىنسىز ساقلاپ كەلدى. ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدىكى خىسلەتلىك تېۋىپ «شىلەيلې»، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى «تۇغقىنى» ئىدى.

  1972-يىلى، 17 ياشلىق لى جۇڭۋۇ دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئۆيمۇئۆي ئارىلايدىغان «يالاڭئاياغ دوختۇر» بولۇشنى تاللىدى. دوختۇرلۇق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى قولىغا ئالغان ۋاقىتتا، لى جۇڭۋۇ پەخىرلەنگەن ھالدا: «بۇ گۇۋاھنامە دۆلەتنىڭ ماڭا بولغان ئېتىراپىنى بىلدۈرىدۇ، مەن ئاساسىي قاتلامدا قېلىپ چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرىمەن» دېدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى بىر تال ئۇرۇق دەپ قاراپ، بۇ كەنتتە يىلتىز تارتىپ، شۇ يەردىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچى ئامما بىلەن تۇغقان بولدى، ئۇلار ئېجىل-ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشتى.

لى جۇڭۋۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق ئارخىپىنى جەملىمەكتە.

  لى جۇڭۋۇنىڭ قىلغانلىرى ئېيتقانلىرىدىنمۇ كۆپ ئىدى، ئۇ مۇخۇر كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىگە كىرىپ باققان. كەنت ئاھالىلىرىگە يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى تېجىگەن پۇللىرىغا دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق بالىلار كېسەللىكلىرى، ئاياللار كېسەللىكلىرى، ئىچكى كېسەللىكلەر قاتارلىقلارغا ئائىت بىلىملەرنى ئىگىلەپ، كەنتتىكى «ئۇنىۋېرسال دوختۇر» بولۇپ قالدى، شۇنداقلا كەنتتىكىلەرنىڭ قەلبىدىكى «شى لەيلېغا» ئايلاندى.

  46 يىلدا، مەيلى بوران چىقسۇن، قاتتىق قار ياكى يامغۇر ياغسۇن، لى جۇڭۋۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش تەلىپىنى ئەزەلدىن رەت قىلىپ باقمىغان ئىدى، تېلېفون ئۇرسىلا، ئۇ دەرھال دورا ساندۇقىنى يۈدۈپ بىمارنىڭ ئۆيىگە ماڭاتتى. ئۇ ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بەزى بىمارلارنىڭ كېسىلىنى ئۆيىگە بېرىپ ھەقسىز داۋالاپ قوياتتى. نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قىشتا ئۇنىڭ يۈزىنى قىراۋ بېسىپ، سوغۇقتىن كۆكىرىپ كەتسىمۇ، يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئىسسىنىۋېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆرەتتى. كەنتتىكى بالىلار ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «لى بوۋا» دەپ چاقىراتتى.

لى جۇڭۋۇ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېسەل كۆرمەكتە.

  بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى دەلىلقان كۆزىگە ياش ئېلىپ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «11 يىل ئىلگىرى، مەن بىر غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، بېشىمنى كۆتۈرەلمەي، تاماقمۇ يېيەلمەي قالدىم، ئۆيدىكىلەر چوڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالاتسىمۇ ياخشىلىنىش بولماي، بەك ئۈمىدسىزلەندىم. ھېلىمۇ ياخشى لاۋ لى چىڭ تۇرۇپ بىر يىل داۋالىدى، 20 كىلومېتىرلىق ئېگىز-پەس تاغ يولىدا ئۇ نەچچە ئون قېتىم قاترىدى، مېنىڭ كېسىلىممۇ شۇنىڭ بىلەن ساقايدى. ئۇ ئاغرىق-سىلىقلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان دوختۇر، كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ <شى لەيلې> سى».

  دوختۇرلۇق قىلىۋاتقىنىغا 46 يىل بولغان لى جۇڭۋۇنىڭ لىق ئىككى تارتما قەرز چېكى بار، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا «ئۆلۈك ھېسابات» بولۇپ كەتكەن. سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇلار باشقىلارنىڭ نەزەرىدە قەرز چېكى، لېكىن مېنىڭ نەزىرىمدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئارىمىزدىكى تولۇپ تاشقان مۇھەببەت» دېدى.

  «ئادەم يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، سۇ پەسكە ئاقىدۇ.» 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، لى جۇڭۋۇنىڭ بۇ كەنتتىن چىقىش پۇرسىتى بار ئىدى، لېكىن ئۇ مۇخۇر كەنتىدە قېلىشنى تاللىدى.

لى جۇڭۋۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلىمەكتە.

  لى جۇڭۋۇ مۇنداق دېدى: «شۇنچە كۆپ ئادەم مېنى ئېتىراپ قىلىۋاتسا، بۇ يەردىن ئايرىلىشقا مېنىڭمۇ كۆزۈم قىيمايدۇ. بۇ خىل ھېسسىيات ۋە مۇھەببەتنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇلار مېنى <شى لەيلې> دەپ ئاتايدۇ، مەن <شى لەيلې> بولۇشقا ماس كەلمەيمەن، لېكىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدىكى <خىسلەتلىك تېۋىپ> بولالىغانلىقىم، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن دەپ ئويلايمەن.»

  چاغانتوقاي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جۇماش قاناتباي مۇنداق دېدى: «لاۋ لى تاغىمىز <ئاجايىپ قابىلىيەتلىك> كىشى. كەنتىمىزدە قايسى ئۆيدە ئېغىر كېسەل بار، ئۆيىدە قانچە كىشى بار، ئۇ ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، ئۇ بىزنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىمىزدىكى ياخشى ياردەمچىمىز.»

  لى جۇڭۋۇ چاغانتوقاي ناھىيەلىك سەھىيە سىستېمىسى بويىچە «مۇنەۋۋەر يېزا-كەنت دوختۇرى»، «ئىلغار كەنت دوختۇرى» ناملىرىغا ئېرىشكەن، 2017-يىللىق شىنجاڭ «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن، باھالايمەن» پائالىيىتىدە شەرەپ بىلەن «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق» بولۇپ تاللانغان.

  لى جۇڭۋۇنىڭ يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئىش-ئىزلىرى يوق، كىرىمىمۇ يۇقىرى ئەمەس، لېكىن ئۇ كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشەنچىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئۇ پايدا-مەنپەئەت بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان كەسىپنى سۆيۈش روھى بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى