تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋاسكېتبولچىسى ئابدۇسالام يېڭى قارارلىق دۆلەتلىك كوماندىغا تاللاندى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى يېڭى قارارلىق يىغىلىپ مەشىق قىلىدىغان دۆلەتلىك كوماندا ماھىرلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئابدۇسالام تاللاندى، ئىگىلىنىشىچە ئۇ، تاللانغان كوماندىدىكى سەبداشلىرى بىلەن ئىيوردانىيە، سۈرىيە قاتارلىق ئىككى كوماندا بىلەن مۇسابىقىلىشىدىكەن.

  2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىيوردانىيە بىلەن چۈشىدىغان مۇسابىقە ۋە 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سۈرىيە بىلەن چۈشىدىغان مۇسابىقە ئۈچۈن تاللانغان يېڭى قارارلىق جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە يىغىلىپ مەشىق قىلىدۇ.

  ياش ماھىرلارنى كۆزىتىش، دۆلەتلىك كوماندىغا تاللىنىلىدىغان تالانتلىق ۋاسكېتبولچىلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى بۇ قېتىملىق يىغىلىپ مەشىق قىلىشقا يى جيەنليەن، گو ئەيلۇن قاتارلىق ئاساسلىق ۋاسكېتبول ماھىرلىرىنى تاللىماي، ئەكسىچە ياش ۋاسكېتبول ماھىرلىرىنى ئاساس قىلغان.

  جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان رەسمىي تىزىملىكتە، شىنجاڭلىق ماھىر ئابدۇسالامدىن سىرت، يەنە شېن زىجې، چېن لىنجيەن، فۇ خاۋ، گو خاۋۋېن قاتارلىق ياشلارنى تاللىغان، بۇ جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ماھىرلارنى چېنىقتۇرۇشتىكى ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش