2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، تۆمۈريول ساقچىلىرى 10 T-قېتىملىق پويىزدا يولۇچىلارغا ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ماتېرىياللىرىنى تارقاتماقتا
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريولى چېڭدۇ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چۇڭچىڭ يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى چۇڭچىڭ تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىك باشقارمىسى بىلەن بىرلىشىپ، چۇڭچىڭ شىمالىي ۋوگزالىدىن بېيجىڭ غەربى ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىققان 10 T-قېتىملىق پويىزدا ‹‹سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ قانۇن دەرسخانىسى ›› پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نەق مەيداندا سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتى مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. ئىگىلىنىشىچە، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
(خانقىز ئىمىر تەرجىمىسى)