2-ئاينىڭ 11-كۈنى ساياھەتچىلەر شىجياجۇاڭ شەھىرى جېڭدىڭ ناھىيەسىدىكى قەدىمىي شەھەرنى تاماشا قىلماقتا.
2-ئاينىڭ 11-كۈنى شىجياجۇاڭ شەھىرى جېڭدىڭ ناھىيەسىدىكى قەدىمىي شەھەردە مىللىي ئۆرپ - ئادەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: چاغان مەزگىلىدە، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى جېڭدىڭ ناھىيەسىدىكى قەدىمىي شەھەر ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، قويۇق چاغان تەسىراتىغا ئىگە قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىجياجۇاڭ شەھىرى جېڭدىڭ ناھىيەسى قەدىمىي شەھەر قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كەسىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە مەدەنىيەت بايلىقى بىلەن ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، قەدىمىي شەھەر مەدەنىيەت ماركىسىنى يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ساياھەت كەسپىنى بۇ ناھىيەنىڭ تايانچ كەسپىگە ئايلاندۇردى.