تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق ساقچىلىرى تىنچ-ئامانلىقنى قوغدىدى چاغاندا ئىللىقلىق پۇرىقى قويۇق بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋاڭ خەيپىڭ

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىر پىكاپ تۇرپان شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراپ ئۇچقاندەك كېلىۋاتاتتى. پىكاپتىكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بىر بوۋاقنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ، كېسىلىنى كۆرسىتىش جىددىي زۆرۈر ئىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، شوپۇر يولنى پىششىق بىلمىگەچكە، پىكاپ ساي تېز سۈرئەتلىك يولىدىكى دوختۇرخانىغا بارىدىغان چىقىش ئېغىزىدىن ئۇقۇشماي ئۆتۈپ كەتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تىيانشان رايونلۇق چوڭ ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى ياردەم تەلەپ قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، خۇالىڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى چىقىش ئېغىزىدا پىكاپتىكىلەر بىلەن ئۇچراشتى ھەم پىكاپقا «يېشىل يول» ئېچىپ بەردى، پىكاپ پەقەت ئالتە مىنۇت ئىچىدىلا دوختۇرخانىغا بىخەتەر يېتىپ باردى.

  بۇ چاغاندا، نۇرغۇن خەلق ساقچىسى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ-ئامانلىقنى قوغدىدى. ئۇلارنىڭ سايىسى شەھەر، يېزىلارنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلىدى، پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى بولسىلا، ئۇلار بىرىنچى ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلىدى.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 5 لەردە، بىر بوۋاي ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (يېڭىشەھەر رايونلۇق) جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى مەرھابا يولى ساقچىخانىسى تەۋەلىكىدىكى رايوندا پەيدا بولۇپ قالدى، بوۋاينىڭ تىل ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ۋە تۇرالغۇ ئادرېسىنى دەپ بېرەلمەيتتى. خەلق ساقچىلىرى دەررۇ بوۋاينى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ ئىسسىندۇردى ھەم تەۋەلىكىدىكى مەھەللە ساقچى ئىشخانىلىرى ۋە خەلققە قولاي ساقچى پونكىتلىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئۇچۇر تارقىتىپ، بوۋايغا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىزدىشىپ بەردى. سائەت 11دە، خەلق ساقچىلىرى ئاخىرى بوۋاينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاپتوموبىل بىلەن بوۋاينى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.

  قارلار ئۇچقۇنداپ، قەھرىتان سوغۇق بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەنھەرىكەتكە بولغان تەشنالىقىنى توسۇپ قالالمىدى. چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى ۋە قار تېيىلىش مەيدانلىرى ساياھەتچىلەر ئېقىمى يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى بارلىق خەلق ساقچىلىرى قەھرىتان سوغۇقتا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا مۇداپىئەدە تۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، خۇشال- خۇرام سەيلە قىلىشى، ئوينىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ساياھەتچىلەر مىغىلداپ كەتتى. 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، چىڭخەيلىك ساياھەتچى ۋۇxx چوڭ بازاردا ئېھتىياتسىزلىقتىن كىملىكىنى چۈشۈرۈپ قويۇپ، مېھمانخانىغا قايتقاندىن كېيىن ئاندىن كىملىكى يوقلۇقىنى بايقىدى. ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي، جىددىيلىشىپ تۇرغان پەيتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 8-تارماق ئەترىتى 2-چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى چېڭ جىڭيۈدىن كەلگەن تېلېفوننى ئالدى. ئەسلىدە، خەلق ساقچىلىرى چارلاش ۋەزىپىسى ئۆتەۋېتىپ، بۇ كىملىكنى تېپىۋالغان، كىملىكتىكى ئۇچۇر بويىچە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى تاپالماي، ھەرقايسى مېھمانخانىلارغا تېلېفون ئۇرۇپ سۈرۈشتە قىلغان، ئىزدەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇنى ئاخىرى تاپقان ھەم كىملىكنى مېھمانخانىغا ئاپىرىپ بەرگەنىدى.

  چاغانلىق يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىشتا، چېڭ جىڭيۈ بىلەن خىزمەتداشلىرى ئىزچىل چوڭ بازاردا مۇداپىئەدە تۇرۇپ، كۈندىلىك چارلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىشنى ئەسكەرتىپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقىدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. «خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش ھەربىر خەلق ساقچىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ھەر مىللەت ئامما ۋە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى چاغاننى تىنچ- ئامان، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش» دېدى ئۇ.

  قاردىن كېيىن، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى بەيياڭگوۋ مەنزىرە رايونى بەئەينى سىياھ رەسىمگە ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ قار كېچىش، مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، سۈرەتكە چۈشۈپ، خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەنزىرە رايونغا يېقىن يەردە ساياھەتچى لۇxxنىڭ پىكاپى ئېھتىياتسىزلىقتىن يان يولدىكى ئۆستەڭگە تېيىلىپ چۈشۈپ كەتتى، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى گەنگوۋ يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىدىكى ياردەمچى ساقچى شۈ شىن قاتارلىق نەچچەيلەن بىرلىكتە پىكاپنى ئۆستەڭدىن ئىتتىرىپ چىقاردى، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر قايتىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ چىرايىدا مەمنۇنلۇق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى