تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئابدۇراخمان ئېلى

  شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى گۈللەپ ياشنىدى، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولماقتا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دىنىي تەلۋىلىك پەيدا قىلىپ، «غازات قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەننى تەرغىب قىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىگە زور زىيان ئېلىپ كەلدى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. بۇ زوراۋان-تېررورچىلار جەمئىيەتنىڭ مۇناپىقلىرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل غەرىزىنى ئېنىق تونۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن.

  بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن. مەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغان ئىشلارغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغان ئىشلارنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەن ئىشلارنى قەتئىي قىلماي، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شەرتسىز، كەم-كوتسىز، ئۆزگەرتمەي ئىجرا قىلىمەن. پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن.

  باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتتى. شىنجاڭنىڭ ھازىر يەنىلا «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىدەك كەسكىن ۋەزىيىتى ھەمدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇيمەن، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا باش نىشاننى زىممەمگە ئېلىپ، قولۇمدا چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرىمەن، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىمەن، باشتىن-ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىمەن.

  دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىمەن. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىمەن. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق دىننى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەيمەن. دىنىي زاتلار، دىنىي سورۇنلار ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىنىي ساھەنىڭ ئېجىل-ئىناقلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ چەك-چېگراسىنى ئېنىق ئايرىشىغا، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشىغا ياردەم بېرىمەن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن.

  ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمەن. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى قەتئىي پاش قىلىپ، «غازات قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دەيدىغان بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تازىلايمەن، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىمەن. دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدايمەن، ھەرقانداق كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىنى دەپسەندە قىلىشىغا، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە بولمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى ئېنىق سۆزلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ تارىخنى بۇرمىلاش، يالغان-ياۋىداق گەپ ئويدۇرۇپ چىقىرىشتەك زەھەرخەندە ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى پاش قىلىپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىش، سىڭىش يوللىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايمەن. داغدۇغىلىق ھالدا ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشىغا ئىلھام بېرىمەن ۋە مەدەت بېرىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. دۈشمەنلەر بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىمىزدىن قانچە قورققانسېرى، بىز شۇنچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك. مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇقى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ ۋە ئائىلىلەرگە كىرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش جەھەتتە سىياسەتنى ئېنىق سۆزلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتە نامراتلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالى، ئەلرايىدىن مەسىلىلەرنى بايقاپ، ئۆزۈمدىن باشلاپ ئىشلەپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈشكە، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى