تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يول قاتنىشى مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى

چاغان مەزگىلىدە قاتناش ھادىسىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50كە يېقىن ئازايدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەننىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يول قاتناش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور يول قاتناش ھادىسىسى يۈزبەرمىگەن، ئۇزاق ۋاقىت قاتناش قىستاڭ بولۇپ توسۇلۇش ۋە كەڭ كۆلەمدە ئاپتوموبىللار ماڭالماي تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، پۈتۈن شەھەرنىڭ يول قاتنىشى بىخەتەر، تەرتىپلىك، راۋان بولغان.

  چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتىنىڭ بارلىق ساقچىلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ساقچىلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن. تارماق ئەترەت تەخمىنەن ساقچى كۈچىدىن 3210 ئادەم قېتىم، ساقچى ئاپتوموبىلىدىن 1023 ئاپتوموبىل قېتىم چىقارغان، ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىدىن 2300دىن ئارتۇقنى قوبۇل قىلغان.

  چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، چاغاننىڭ 1-كۈنى خۇڭگۇاڭسەن، چىڭچۈەن ئىبادەتخانىسى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، دۇڭسەن قەبرىستانلىقى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ بەخت تىلەيدىغان، قەبرە يوقلايدىغان-سۈپۈرىدىغان كىشىلەر ئېقىمى، ئاپتوموبىللار ئېقىمى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئەتراپتىكى يوللارنىڭ قاتناش بېسىمى ئېشىپ كەتتى، قاتناش ساقچى تارماقلىرى نۇقتىلىق يول ئېغىزلىرىدا، يول بۆلەكلىرىدە ساقچى كۈچىنى كۆپەيتىپ، قاتناش تەرتىپىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يولنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، قاتناش تارماقلىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ- كېتىش يۇقىرى دولقۇنى بولغان سائەت 12دىن 20گىچە بولغان ۋاقىتتا ساقچى كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئايروپورت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ساي يولى يەننەن كۆۋرۈكى، شاڭشاخې ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىنى چارلاش قېتىم سانى ۋە زىچلىقىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرتىپلىك، بىخەتەر يول يۈرۈش مۇھىتى ياراتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى نۇقتىلىق ھالدا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىيادىلەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ يول بەرمەسلىك قاتارلىق قاتناشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تۈزەپ، تۈرلۈك قاتناشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىدىن جەمئىي 6352نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك قاتناشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى 6016، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى 75 (ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى 62، مەست ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى 13)، نۇقتىلىق ئاپتوموبىللار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى 261.

  بايرام مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قار يېغىشتەك ھاۋارايى كۆرۈلدى، قاتناش ساقچى تارماقلىرى تەشەببۇسكار ھالدا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يولدىكى قارلارنى تازىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، تېز ئايلانما يول، داۋان يول، ئۆتۈشمە كۆۋرۈك قاتارلىق ھادىسە كۆپ يۈزبېرىدىغان نۇقتا، ئورۇنلارنى چارلاشنى كۈچەيتىپ، ئاسان مۇز تۇتۇپ تېيىلغاق بولۇپ كېتىدىغان يول بۆلەكلىرىگە مەش داشقىلى چاچتى.

  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 489 قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈزبېرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.49 ئازايغان، بۇنىڭ ئىچىدە دېلو تۇرغۇزۇلغان قاتناش ھادىسىسىدىن 12 قېتىم يۈزبېرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.69 ئازايغان؛ بەش كىشى يارىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.54 ئازايغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى