تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاغان ئۆتكۈزۈپ قايتقان يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كەلدى

قاتناش تارماقلىرى بىخەتەر سەپەرگە چىقىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، چاغان ئۆتكۈزۈپ قايتقان يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كەلدى، شىنجاڭ تۆمۈريولى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ قايتىشىغا ياخشى سەپەرگە چىقىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

  2-ئاينىڭ 9-كۈنى، 10-كۈنى، يولۇچىلار مەركەزلىك قايتقان كۈن، تۆمۈريول ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، چىقىش ئېغىزى، پويىز كۈتۈش زالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە يۈك-تاق كۆتۈرۈۋالغان يولۇچىلارنى كۆرگىلى بولاتتى، يولۇچىلار ئېقىمى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىنى ئاساس قىلغان. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا كەلگەن يولۇچى تەخمىنەن 52 مىڭ ئادەم قېتىم، يولغا چىققان يولۇچى تەخمىنەن 44 مىڭ ئادەم قېتىم بولغان.

  يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر، راۋان سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى خادىملارنى كۆپەيتىپ، بېلەت سېتىشنى تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بېلەت سېتىش كۆزنەكلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، يولۇچىلار ئارىسىدىكى ياشانغانلار، بالىلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلارغا بېكەتكە كىرىش يېشىل يولى ئېچىپ بەردى؛ بېكەتتىن چىقىش ئېغىزىدىكى پويىز ئالمىشىدىغان پويىز كۈتۈش رايونىنى كۆپەيتىپ، كېڭەيتىپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ پويىز ئالمىشىدىغان يولۇچىلارغا بولغان تەشۋىقات، يېتەكلەشنى زورايتىپ، 40 مىنۇت ئىچىدە داۋاملىق پويىزغا چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە ۋوگزالغا كىرىپ پويىز ئالمىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، 40 مىنۇتتىن ئارتۇق پويىز ساقلايدىغان يولۇچىلارنى پويىز كۈتۈش ئۆيىدىن پويىزغا چىقىشقا يېتەكلىدى، پويىز ئالمىشىپ داۋاملىق سەپەر قىلىش ئېھتىياجى بار يولۇچىلارنىڭ بېكەتتىن چىقماي تۇرۇپلا تېز سۈرئەتتە، قولاي ھالدا پويىز ئالمىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم پويىز ئالمىشىدىغان پويىز كۈتۈش رايونىدا ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسىنى كۆپەيتىپ سەپلەپ، يولۇچىلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇشىمۇ يولۇچى ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئايروپورتتىن چىققانلار تەخمىنەن 35 مىڭ ئادەم قېتىمغا، ئايروپورتقا كىرگەنلەر 30 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى.

  2-ئاينىڭ 10-كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا جەمئىي 152 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئايروپورتقا قونۇش، ئۇچۇشىنى ئىجرا قىلىپ، 23 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئۇچۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قارلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۆچەك، غۇلجا، ئالتاي، كۆكتوقاي، قاراماي قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار تەسىرگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا ئايرودۇرۇمى سائەت 17گىچە تاقالغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۈرۈمچى-چۆچەك-غۇلجا CZ6707/8 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشىنى بىكار قىلدى؛ شەرقىي لىنىيە تەرەپ ئوخشاشلا قار يېغىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، نەنجىڭ، جېڭجوۋ، خېفېي قاتارلىق جايلاردىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئاساسەن مەلۇم دەرىجىدە كېچىكتۈرۈلدى، لېكىن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بىكار قىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى؛ مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، شەرقىي لىنىيەدىكى ئاساسلىق شەھەرلەردە يامغۇرلۇق، قارلىق ھاۋارايى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلىشىدىكەن، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەرتىپلىك بولىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭ رايونى داۋاملىق يامغۇرلۇق، قارلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئۇچۇش قوماندانلىق ئىشتابى ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ھەرىكەت ھالىتى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدىكەن.

  قايتقان يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش پوكىيىنى كۆپەيتىش، مۇلازىمەتچى خادىملارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ ئەۋەتىش، يولۇچىلارنى ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋېلىشقا يېتەكلەش، پىدائىيلارنى بىرىنچى سەپكە ياردەم بېرىشكە تەشكىللەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق يولۇچىلارغا راھەت، قولاي، راۋان بولغان ئايروپىلانغا چىقىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى