تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاغاندىن كېيىن تېمپېراتۇرا ئاستا - ئاستا قايتا ئۆرلەيدۇ

 مۇخبىرىمىز شيې خۈيبيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، چاغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئاستا- ئاستا قايتا ئۆرلەيدىكەن، كۈچلۈك ھاۋارايى جەريانى بولمايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2- ئاينىڭ 11- كۈنى كۈندۈزدىن 2- ئاينىڭ 12- كۈنى كېچىگىچە، ھاۋا سۇس تۇمانلىق، كېيىن بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 17 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن ئالتە سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن؛ مۆلچەرلىنىشىچە بىر ھەپتىدىن كېيىن، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي قايتا ئۆرلەيدىكەن.

   2- ئاينىڭ 11- كۈنى كېچىدىن 2- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئازراق سۇس قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى سەككىز بال ئەتراپىدا بولۇپ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەپ، كېيىن تەدرىجىي قايتا ئۆرلەيدىكەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مۇلازىمىتى باش مۇتەخەسسىسى دۇ شىنيىڭ مۇنداق تەۋسىيە قىلدى: چاغاندىن كېيىن تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ، كۆپچىلىك سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۈتۈنۈش ۋە چېنىقىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى