تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئائىلە دۆلەت گۈللەندى

  ــــ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كاتتا بايرام خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى كەيپىيات ئۈزۈلمەي ئەۋج ئالدى

  مۇخبىرىمىز گې يوۋجۈن

  چاغان مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى شاد- خۇراملىققا، خۇشال كەيپىياتقا چۆمدى. مول مەزمۇنلۇق رەڭگارەڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش، كاتتا بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى، جياۋزى تۈگۈش، چۈنليەن چاپلاش، چاغانلىق كېچىلىك كۆرۈش، مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلىش... كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان گۈزەل پەيتتە، كىشىلەر پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى، چاغانلىق ئۆرپ- ئادەت، مەدەنىيەتتىن زوقلاندى، بەختكە تولدى، يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ چېھرىدە ئىللىقلىق ئەكس ئەتتى، ئۇلار يېڭى يىلنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

   غەمخورلۇق خۇددى باھاردەك ئىللىق

  چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا، كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، چاغاننى مۇبارەكلەشتى، ھەر مىللەت ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق «كاتتا سوۋغا»لارنى يەتكۈزدى، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بىرلىكتە خۇشال- خۇرام ھالدا بەختلىك جۇڭگو يىلىنى ئورتاق تەبرىكلىدى. 2- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچىلا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جەمئىي 292 مىڭدىن ئارتۇق كادىر (بۇنىڭ ئىچىدە نازىر دەرىجىلىكى 695) كەنتتە تۇرۇش نۇقتىلىرىغا ئاتلىنىپ، جەمئىي 1 مىليون 24 مىڭ ئائىلىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى زىيارەت قىلدى، 23 مىڭ 200 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تۈرلۈك پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى، چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى يەتكۈزدى.

  باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزدى، ھەقىقىي مۇھەببەت قەلبلەرنى سۇغاردى.

  «بېيىش يولىمىز تېخىمۇ كېڭەيدى، كەنتىمىز تېخىمۇ گۈزەللەشتى، بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز! بۈگۈن كۆپچىلىك قىزغىن كەيپىياتتا بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىز تەييارلىغان نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندى، ناھايىتى خۇشال بولدى!» دېدى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى مارالبېشى ناھىيەسى ئاناركۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىنىڭ چاغانلىق كېچىلىك نەق مەيدانىدا كەنت ئاھالىسى ئوبۇلقاسىم راخمان ھاياجانلانغان ھالدا.

   قويۇق چاغان پۇرىقى، تولۇپ تاشقان بەخت

  باھار كېلىپ تىيانشانغا، يېڭىلاندى قىياپەت.

  چاغان مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى شەھەر، يېزىلارنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىغا پانۇس، لېنتىلار ئېسىلدى، ھەممە ئائىلە چاغاننى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى.

  ئۆي - ئۆيلەردىكى چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى ئۈستىلى يېنىدا، ھەرقايسى بازارلاردا، ھەربىر مەيدان ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلىنىۋاتقان نەق مەيداندا، مۇخبىر ئامما بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان جانلىق مەنزىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، ئاممىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان گۈزەل ئارزۇسى ۋە ئارزۇغا ئىنتىلىش ئىستىكىنى ئاڭلىدى.

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بايراملىق يەرمەنكىسىدە، دېھقانلار ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناپ، خۇشال - خۇرام ھالدا چاغان ئۆتكۈزدى. بۇنىڭدىن باشقا، دېھقانلار ئۆزلىرى پىشۇرغان موما، ماخار، قازان نېنى، قۇيماق، پىنتوزا، ئۆيىدە باققان كالا، قوي، يەرلىك توخۇ قاتارلىقلار بازىرى ئىتتىك ئۆزگىچە چاغانلىق مالغا ئايلاندى. ئېگىنبۇلاق يېزىسى يۆلىياڭدى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گو جۈخۇا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە بىز <يېشىل ئېتىز> تېرىقچىلىقى قىلىۋاتىمىز، <ئورگانىك چارۋا> بېقىۋاتىمىز، مېھمانخانا ئېچىپ كۆپ پۇل تېپىۋاتىمىز، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ھېيت - بايراملاردا ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينايمىز، ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك!»

  بۇ يىللىق چاغاننى پىچان ناھىيەسى بوستان مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ھەبىبىخان ياقۇپ ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى بىنا ئۆيىدە ئۆتكۈزدى. كەپە ئۆي رايونىدىن كۆچۈپ، يېڭى ئۆيىدە يېڭى يىلنى ئۆتكۈزۈش ھەبىبىخان بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بەختكە چۆمۈلدۈردى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بارغانسېرى كۆپ كىشى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بارغانسېرى كۆپ كىشى «نامرات»لىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بەختلىك يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

  كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شىۋول يېزىسى داشكۆل كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەبەر روزى ئالايىتەن ھويلىسىغا قىزىل پانۇس ئاستى، دەرۋازىسىغا چۈنليەن ۋە «بەخت» خېتى چاپلىدى. خەبەر ئىلگىرى نامرات ئائىلە ئىدى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بۇ ئىككى يىلدا قوي بورداقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇپ، كەنتتىكى يۇقىرى كىرىملىك ئائىلىگە ئايلاندى.

  «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقىغا رەھمەت، بۇ يىل مەن يەنە غەيرەت بىلەن ئىشلەيمەن، كىرىمىمنىڭ چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!» خەبەر ئىشەنچكە تولغانىدى.

    ئىتتىپاقلىق مېھرى چوڭقۇرلاشسا، ئائىلە دۆلەت مېھرى چوڭقۇر بولىدۇ

  جەم بولۇش ئەڭ خۇشاللىنارلىق، جەم بولۇش ئەڭ بەختلىك، ئىتتىپاقلىق ئەڭ قۇدرەتلىكتۇر.

  كاتتا چاغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىقنى جەم بولۇش تامىقىغا سىڭدۈردى، يېقىملىق ناخشا ساداسىغا سىڭدۈردى، شوخ ئۇسسۇلغا سىڭدۈردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبى بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

  2- ئاينىڭ 4- كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ۋاڭسەن كوچىسىنىڭ ئىككى قاسنىقى قىزىل پانۇسلار بىلەن تولغان، دۇكانلارغا يوغان «بەخت» خېتى چاپلانغان بولۇپ، خۇشال، ئىناق بايرام كەيپىياتى نامايان بولغانىدى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، ۋاڭسەن كوچىسىدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى دۇكىنى ئاچىدىغان ئۇيغۇر دۇكاندار مەمەتجان قاسىم ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، خەنزۇ ئاكىسى ياڭ چىڭخۇانىڭ ئۆيىگە كەلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تاماق يېگەچ چاغانلىق كېچىلىك كۆرۈپ، جەم بولۇش شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى. «چاغان بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ داغدۇغىلىق ئەنئەنىۋى كاتتا بايرىمىمىز، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يەپ بىرلىكتە كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك» دېدى مەمەتجان.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كاتتا چاغاننى خۇشال- خۇرام تەبرىكلەيدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەردە قويۇق ئائىلە دۆلەت مېھىر- مۇھەببىتى تولۇپ تاشتى.

  چاغان مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاقۇچىنىرۇ يېزىسىدىكى چېڭ فۇشېڭنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، «كىچىك ئاق تېرەك» ھېكايىسىنى ئاڭلىدى. چېڭ فۇشېڭ «كىچىك ئاق تېرەك» ناخشىسىدىكى ئەينى يىلى كىچىك ئاق تېرەكنى تىككۈچى ئىدى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، چېڭ فۇشېڭ ئائىلىسى كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى شەكلىدە ئۆي سالدى. شۇ جايدا يەنە «كىچىك ئاق تېرەك» يۇرتى چېگرانى قوغداش مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسى سېلىنىۋاتىدۇ.

  كىشىلەر ئائىلىدە، ئائىلە دۆلەتتە، دۆلەت قەلبتە.

  2- ئاينىڭ 4- كۈنى ئەتىگەندە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى يار بېشى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى روشەنگۈل سەمەت رەتلىك كىيىنىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. روشەنگۈل دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى. «ئۇلۇغ پارتىيە بولمىسا، ئۇلۇغ ۋەتەن بولمىسا، بىزنىڭ ھازىرقى ياخشى كۈنلىرىمىز بولمايتتى!» دېدى روشەنگۈل.

   مەدەنىيەت، ساياھەت قىزىق ئويۇنلىرى ئۈزۈلمىدى

  چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 281 تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتى ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قىزىق ئويۇنلار ئۈزۈلمىدى.

  2- ئاينىڭ 3- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايوننىڭ چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدە كۆرسىتىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا چاغانلىق خۇشاللىق ئاتا قىلدى. 2- ئاينىڭ 4- كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، «بەختلىك جۇڭگو يىلى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ھۆرمەت بىلەن مەدھىيەلەش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يېڭى دەۋر» باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئۈرۈمچىگە ھۆسن قوشتى...

  شوخ ناخشىلار، كۈلكە - چاقچاقلار بىلەن كونا يىل ئۇزىتىلدى، تىيانشان باھار ئىللىقلىقىغا چۆمۈپ چاغان كۈتۈۋېلىندى.

  چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترەتلىرى بۆلۈنۈپ ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ ئويۇن قويۇپ، چاغانلىق بەخت تىلەش ۋە خۇشاللىقنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلاردىكى ئامما ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمۇ بۇ چاغاننى ئاجايىپ قىزىتىۋەتتى.

  2- ئاينىڭ 4- كۈنى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئۈچئۆستەڭ كەنتىدىكى «چاغانلىق كېچىلىك»تە، كەنت ئەدەبىيات- سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ 17 ئەزاسى ئېيتقان ئەلنەغمە «نەزمە- نەسرلىك ناخشا يۈز گىرىمى» پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 2- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى قۇمقۇسار كەنتىدە، 200دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى شېخو كوچا ئويۇنىغا قاتنىشىپ، داقا- دۇمباق چېلىپ، ئوت شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينىدى، ئۇلارنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازلىرىدىن يېڭى دەۋردىكى قۇمقۇسار كەنتىدىكىلەرنىڭ جۇشقۇن روھىي ھالىتى ئىپادىلەندى.

  1- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 300 تۈرگە يېقىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، «مەدەنىيەت + ساياھەت» «تەنتەربىيە + ساياھەت» قاتارلىقلار ئارقىلىق چاغانلىق ساياھەت بازىرىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈلۈشىگە تۈرتكە بولىنىدۇ.

  2- ئاينىڭ 5- كۈنى، قۇمقاناس مەنزىرە رايونى «قار- مۇز يېڭى يىلنى تەبرىكلەش قار ئېتىشىش بايرىمى» «قۇمقاناس ئىپتىدائىي يىلى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى؛ 2- ئاينىڭ 7- كۈنى ۋە 9- كۈنى، تىيانشان تىيەنچى كۆلى مەنزىرە رايونى «چاغاندا شېخو كوچا ئويۇنى ئويناش، مىللىي ئۆرپ - ئادەت جۇڭگو يىلى» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى زور تۈركۈم ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  گۇاڭدۇڭنىڭ فوشەن شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى چېن ۋېيچياڭنى شىنجاڭنىڭ قىشتىكى گۈزەل مەنزىرىسى ناھايىتى مەپتۇن قىلىۋالدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ئادەملىرى چىرايلىق، مەنزىرىسى گۈزەل، قىزغىن، مېھماندوست ئىكەن، بىر قېتىم كەلسە بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلمايدىكەن!».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش