تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش: شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن «مال ساتقۇچىلار» ‏

  تيەنجىن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى. چاغاندىن بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. شۇ جايدىكى دېھقانلار ۋە كارخانىلارنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى كادىرلارنى تۈركۈملەرگە بۆلۈپ تيەنجىنگە قايتۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تيەنجىندە سېتىش يوللىرىنى ئىزدىدى.

  ھەر يىلى 11-ئايدىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تۆت چوڭ تۈردىكى 60 خىل سورتلۇق مەھسۇلاتتىن ھوسۇل ئېلىنىدۇ، 2018-يىلى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 240 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە چىلان، ئالما، ياڭاقتىن ئەڭ كۆپ ھوسۇل ئېلىندى.

  جۇ ۋېنجۈن ۋە يىن جىنيەن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن بىر گۇرۇپپىدىكى كادىرلار، تيەنجىنگە قايتىشتىن بۇرۇن، ئۇلار بىر ئايدا 2000 توننا مەھسۇلات سېتىشنى نىشان قىلدى. ئۇزۇنغا بارمايلا، كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلار تيەنجىنگە يېتىپ باردى، ئالدىن تېپىپ قويغان ئىسكىلاتلار ئاساسەن توشۇپ كېتىپ، قالغان مەھسۇلاتلارنى قەيەرگە قويۇش بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. چاغاندا بۇ ئىككىيلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنى بىرمۇبىر ئارىلاپ، قالغان مەھسۇلاتلارنى قويىدىغانغا ئىسكىلات ئىزدىدى.

  800 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئىسكىلات كۆڭۈلدىكىدەك بولسىمۇ، ئەمما ئىجارە ھەققى پىلاندىن ئېشىپ كەتتى. ئىجارە ھەققى ئاخىرىدا 360 مىڭ يۈەنگە توختىدى، ئەمما جۇ ۋېنجۈن بۇنى يەنىلا قىممەت كۆردى.

  ئىجارە ھەققى قىممەت بولسا باشقا ئامال ئويلاش كېرەك. جۇ ۋېنجۈن سودا سىستېمىسىدىكى كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سودىگەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن ساتقۇزۇشنى ئويلىدى، بۇنداق بولغاندا، مەھسۇلاتلارنى سودىگەرلەرنىڭ ئىسكىلاتلىرىغا قويسا، ئايرىم ئىسكىلات ئىجارە ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايتتى.

  بۇنىڭ بىلەن، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش ۋە سېتىش مەسىلىسى تەڭلا ھەل بولدى، كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  ئۇدا بىر نەچچە كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقتىن كېيىن، ئىسكىلاتمۇ، سېتىش يوللىرىمۇ تېپىلدى، ئېغىر قىيىنچىلىقلارمۇ يېڭىلدى، 2000 توننا مەھسۇلات سېتىش ۋەزىپىسىمۇ تاماملاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى