قىشتا چىلان دەرىخىنىڭ كونا قوۋزاقلىرىنى قىرىشقا بولىدۇ، كونا قوۋزاقلارنى ۋاقتىدا قىرىۋەتكەندە، دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قوۋزاقلارنى قىرغاندا كونا قوۋزاقلارنىڭ يېرىلغان، يىرىك يېرىدىن باشلاپ قىرىش كېرەك، يۇمران قوۋزاق ۋە دەرەخ غولىغا زىيان يەتمەسلىكى ئۈچۈن قوۋزاقنى بەك چوڭقۇر قىرىۋەتمەسلىك كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قوۋزاقلارنى قىرغاندا يەرگە گېزىت ياكى سۇلياۋلارنى قويۇپ قويۇش، قىرىپ بولغاندىن كېيىن تازىلاپ ئېلىۋېتىش ياكى يىغىپ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك.
(مەمەتئېلى ھەسەن تەرجىمىسى)