تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«چاغاندا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قىزىپ كەتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بازىرى قىزىپ كەتكەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچىدىن جەمئىي 3 مىليون 11 مىڭ 700 ئادەم قېتىم كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.33 ئاشقان؛ 3 مىليارد 616 مىليون يۈەن ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى يارىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74.42 ئېشىپ، قوش تارىخىي يېڭى سەۋىيە ياراتقان.

  تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ساياھەت كىشىلەر چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشتىكى مۇھىم ئۇسۇلغا ئايلاندى. بايرام مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار قاتنىشىشچانلىقى كۈچلۈك، ھېس قىلىشچانلىقى يۇقىرى، قىزىقارلىقلىقى قويۇق بولغان ساياھەت ئارقىلىق بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى، قار-مۇز باش تېما قىلىنغان پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنى كۈچلۈك جەلپ قىلىپ، ساياھەت بازىرىنى «ئوتتەك قىزىتىۋەتتى».

  بايراملىق پانۇسلار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ چىراغلار بورتالا شەھىرىدىكى كەيپىن كۆلى مەنزىرە رايونىنى بېزەپ، چاغان پۇرىقىنى قويۇقلاشتۇردى. چاغان مەزگىلىدە، بورتالا شەھىرى «قار-مۇز يېڭى يىلنى تەبرىكلەش» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، كەيپىن كۆلى مەنزىرە رايونى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەت قىلىشتىكى ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلىنىپ، ئۇلار يىراققا بارمايلا مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ سەيلە-ساياھەت قىلالايدىغان بولدى.

  «قەشقەردە چاغان پۇرىقى بارغانسېرى قويۇقلىشىپتۇ». چاغان مەزگىلىدە، شىئەندە ئوقۇۋاتقان لى كەي ئىچكىرىدىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنى سەيلە-ساياھەت قىلىپ، قويۇق چاغان پۇرىقىنى ھېس قىلدى. چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى 12 مۈچەل، جۇڭگو تۈگۈچى قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەڭلىك چىراغلار بىلەن بېزىلىپ، يېپيېڭى تۈسكە كىردى. نەقىشلىك چىراغلار يېنىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى چىراغ نۇرىدا قەۋەتلا گۈزەل بولۇپ كەتتى.

  چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قار- مۇز ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئۆرلىدى. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، باغراش كۆلى چوڭ دەريا ئېغىزى (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونىدا ئادەملەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۆلەكچە قىزىپ كەتتى، سەرخىل، نادىر قار-مۇز ھېس قىلىش تۈرلىرى ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى باغراش كۆلى چوڭ دەريا ئېغىزى (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونى 12 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.

  چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، چاڭغا تېيىلىش نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولدى. ئۈرۈمچى، ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى چاغان مەزگىلىدە ساياھەتچى ئېقىمىنىڭ كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئالتاي جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى مەخسۇس ئالتاي شەھەر رايونىدىن قار تېيىلىش مەيدانىغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇس مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى.

  ساياھەتچىلەرنى ھەممىدىن جەلپ قىلغىنى يەنىلا جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى بولدى. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جىمىسار ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك «چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى» ئۆتكۈزدى، مورى «مورىنىڭ چاغان پۇرىقى شەرقىي شەھەردە» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن ناھىيە (شەھەر)لەر چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى، شېخو كوچا ئويۇنى قويۇش، مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئويۇنى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى