تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى پورتلاردا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ يېرىمى قىسقاردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: «ھازىر تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، ئىلگىرى ئېكسپورت ماللىرىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە بىر يېرىم كۈن كېتەتتى، ھازىر ناھايىتى تېز، يۈك ئاپتوموبىللىرى ئاپتوموبىل مەيدانىدا ئۇزاق توختىمايلا ماڭسا بولىدۇ». يېقىندا، جۇڭگو تاشقى تىرانسپورت پاي چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ پورتى شىركىتى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جۇ شياۋجۈەن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭدىكى پورتلار ئىمپورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ 29.41 سائەت، ئېكسپورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنىڭ 1.16 سائەت بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2017-يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق ئوتتۇرىچە ۋاقىتنى %67.49، %56 قىسقارتقان، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قىسقارغان.

  بۇلتۇر، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەشغۇلات تەرتىپىنى بىرىكتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇش، قوشۇمچە تالونلارنى ئىخچاملاش قاتارلىق 21 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى تۈزدى؛ تاموژنا بېجى كاپالەت سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بەش تۈرلۈك ئىمپورت كان مەھسۇلاتىغا قارىتا «ئاۋۋال قويۇۋېتىش، كېيىن تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى؛ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئېنىقلاپ تەستىقلاش تۈرىدىن توققۇزنى قىسقارتتى. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدىكى بارلىق پورتلاردا يولغا قويۇلۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، كارخانىلارنى ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندۈردى.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى دىڭ جىباۋ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل تاموژنا داۋاملىق مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، پورتلارنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇقىم، ئاشكارا، كۆزلىمىلىك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتى يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى