تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتتى

بۇ يىل 146 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش پىلانلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، 146 مىڭ 900 يۈرۈش كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى پىلانلىغان.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي تۇرالغۇ قىلىش»تەك ئورۇن بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ھەل قىلىش كۈچەش نۇقتىسى قىلىنىپ، شەھەرلەرنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش نىشان قىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، شەھەر، يېزىلاردا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تۈزەش قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ يىل كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ئالغا سىلجىتىلىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر يېتىشمەسلىك ھەم ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ. مەھەللىلەر ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «15 مىنۇتلۇق شەھەر ئاھالىلىرى پائالىيەت چەمبىرىكى» بەرپا قىلىنىدۇ؛ 210 مىڭ ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى تاماملاش پىلانلىنىپ، قېپقالغان 47 مىڭ 400 ئائىلىلىك يېزىلاردىكى تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكتلار (ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، نامرات مېيىپلەر ئائىلىلىرى)نىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملىنىدۇ؛ يېزا ئۆيلىرىنى لايىھەلەش سەۋىيەسى ۋە سېلىش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەش زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى