تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] «ئىقتىدارلىق ئايال» ئۆيىنى سېتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، نامرات ئاچا-سىڭىللىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئارال شەھىرى تاۋيۈەن پىيادىلەر كوچىسىدىكى مەشرەپ تاماقخانىسىدا، ئايىمنىسا مەمەت توقاي يېزىسىدىكى ئىككى يۇرتدىشىنى ئۇزىتىپ قويدى، ئۈستەلدە يۇرتداشلىرى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان بىر قوينىڭ گۆشى قالدى.

  «ئۇ ئائىلىمىزنىڭ يەرلىرىنى ھۆددىگە ئالغان، بۇلتۇر ھوسۇل ياخشى بولمىغاچقا، ئۇنىڭدىن ھۆددە ھەققى ئالمىغان ئىدىم، بۇ يىل ھوسۇل ياخشى بولۇپ، ھۆددە ھەققىنى ئەكىلىپ بەرگىلى كەپتۇ، يەنە بۇلتۇر ئۇنى قوللىغىنىمغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بىر قوينىڭ گۆشىنى سوۋغا قىلىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى» دېدى ئايىمنىسا.

  45 ياشلىق ئايىمنىسا ئارال شەھىرى توقاي يېزىسىدىكى «داڭلىق شەخس»، «ئايىمنىسا ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، قوشنىلىرىنى ئۇنتۇماي، ھەر يىلى پۇل چىقىرىپ نامرات ئائىلىلەردىن ھال سوراپ، ئۇلارنى يۆلىدى، ئۇ يەنە خالىس تەشۋىقاتچى، توقاي يېزىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىش ئىدىيەسى ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن» دېدى توقاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو چىنجۈن.

  ئۆيىدىكىلەردىن يوشۇرۇن ئۆيىنى سېتىپ ئىگىلىك تىكلەش

  25 ياش ۋاقتىدا، ئايىمنىسا ئىش ئورنىدىن قېلىپ ئىش كۈتۈپ تۇردى، بىر جۈپ قوشكېزەك پەرزەنتى يېڭىلا توغۇلغان بولۇپ، ئىشسىز قالغان ئايىمنىسا بىر مەھەل گاڭگىراپ قالدى. ئىشتىن قالغان يىلى قىشتا، ئۇنىڭ ئىككى بالىسى تەڭلا ئاغرىپ قالدى، يولدىشىنىڭ كىرىمى يۇقىرى بولمىغاچقا، تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كەتتى.

  ئايىمنىسا ئىلگىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مېھمانخانىدا خىزمەت قىلغان، ئاشخانا ئېچىپ سىناپ بېقىش كېرەكمۇ؟ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئاقسۇ شەھىرىدىن بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بەرگەنىدى، ئۇ ئۆينى سېتىپ ئاشخانا ئاچماقچى بولدى.

  ئايىمنىسا بۇ ئويىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتتى، ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا بىردەك قارشى تۇردى.

  ئايىمنىسا كۆڭلىدە، پۇل بولمىسا، ئۆي بولغاننىڭ نېمە پايدىسى! دەپ ئويلىدى، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن يوشۇرۇن ئۆينى سېتىۋېتىپ، 98 مىڭ يۈەننى ئېلىپ، يەنە 40 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، توقاي يېزىسىغا قايتىپ بىر ئاشخانا ئاچتى.

  ئۇنىڭ سودىسى ئويلىغىنىدىنمۇ ياخشى بولدى، تۇنجى يىلى ئايىمنىسا 40 مىڭ يۈەن قەرزنى قايتۇردى، ئىككىنچى يىلى مال كىرگۈزۈش ئۈچۈن شيالى ماركىلىق ئاپتوموبىلدىن بىرنى سېتىۋالدى، ئۈچىنچى يىلى بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئارالدىن ئۆي سېتىۋالدى. «ئۈچ يىل بولدى، قايتىدىن ئۆيۈم بولغاندىن سىرت، يەنە بىر ئاشخانام ۋە ئاپتوموبىلىم بولدى. شۇ ۋاقىتتا، تۇغقانلىرىم ئەينى ۋاقىتتىكى تاللىشىمنى چۈشىنىشكە باشلىدى» دېدى ئۇ.

ئايىمنىسا مەمەت ئاشخانىدا خىزمەتچىلىرىگە يىغىن ئاچماقتا.

  ئاچا-سىڭىللىرىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بېيىش

  2004-يىلى ئارال شەھەر بولۇپ قۇرۇلدى، سودا پۇرسىتىنى پەملەپ تۇرغان ئايىمنىسا ئارال شەھىرىدىمۇ ئاشخانا ئاچتى. يېزىدىن شەھەرگىچە، ئايىمنىسانىڭ دۇكان كۆلىمى 120 كىۋادرات مېتىرغا كېڭىيىپ، تاۋيۈەن پىيادىلەر كوچىسىدىكى سودىسى ئەڭ ئاۋات دۇكان بولۇپ قالدى.

  سودىسى ياخشى بولغان بىلەن، ئايىمنىسا بارلىق ئاشخانىلار دۇچ كېلىپ باققان مەسىلىگە يولۇقتى: خىزمەتچى تېپىش قىيىن ئىدى! ئامالسىزلىقتىن ئۇ ئۆزى پۇل يىغىپ، ئۆزى كۈتكۈچىلىك قىلدى، بوش ۋاقىتلىرىدا يەنە ئاشخانىدا قاچا يۇيدى.

  2005-يىلى «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىدا، توقاي يېزىلىق ئاياللار بىرلەشمىسى ئايىمنىسانى يېزىدىكى ئاياللارغا قانداق قىلغاندا ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. «بۇرۇنلا ئاچا-سىڭىللىرىمغا كۆڭلۈمدىكىنى ئيتقۇم بار ئىدى، بۇ پۇرسەتتە، مەن بىرقانچە كەنتتە تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردىم، ئىگىلىك تىكلىگەن خانىم-قىزلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، كۆپچىلىككە ئۆيدىن چىقىپ پۇل تېپىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى سۆزلەپ بەردىم» دېدى ئۇ.

  شۇنىڭدىن كېيىن، پۇرسەت بولسىلا، ئايىمنىسا يېزىغا قايتىپ تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى. 2007-يىلى، توقاي يېزىسى 2-دۈيدىكى مەرزىيەم مۇسا ئايىمنىسانىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىگىلى كەلگەن تۇنجى ئايال بولۇپ قالدى.

  ئۇ ۋاقىتتا يېڭىلا ئاجراشقان مەرزىيەم مۇسانىڭ بىر جۈپ پەرزەنتى بار ئىدى، ئۇ يەر تېرىش ۋە ئىشلەمچىلىككە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بولۇپ، كۈنلىرى ناھايىتى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. ئايىمنىسا بۇنى بىلگەندىن كېيىن، مەرزىيەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى، «پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، چىقىپ ئۇرۇنۇپ بېقىشىڭىز لازىم. مەن بىلەن ئىشلەڭ، كۈنلىرىڭىز چوقۇم ھازىرقىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.» ئايىمنىسانىڭ سۆزلىرى ئاخىرى مەرزىيەمنى قايىل قىلدى.

  كۈتكۈچىلىكتىن پۇل يىغقۇچى بولغۇچە، بىر يېزىدىكىلەر تاماق يېگىلى كەلسە خىجىل بولۇپ مۆكۈۋېلىشتىن، تونۇشلارغا تارتىنماي سەي تۈرلىرىنى تەۋسىيە قىلىدىغان بولغۇچە، مەرزىيەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بارغانسېرى ئاشتى. ھازىر، ئۇنىڭ ئوغلى ئاشخانىدا ئاشپەزلىكنى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، قىزى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. مەرزىيەمنىڭ ئايلىق مائاشى 3000 يۈەن بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى ئىدى.

  ئاستا-ئاستا، يۇرتداشلارنىڭ ئىدىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. توقاي يېزىسىدىكى ئاچا-سىڭىللار ئارقا-ئارقىدىن ئۆيلىرىدىن چىقىپ ئاشخانىدا ئىشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىشچى تېپىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل بولۇش بىلەن تەڭ، ئايىمنىسا تىجارەت كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، 2010-يىلى ۋە 2018-يىلى ئالدى-كېيىن بولۇپ ئۇ يېڭىدىن ئىككى ئاشخانا ئېچىپ، يېزىدىكى ئاچا-سىڭىللىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، ئىككى ئاشخانىدا 60 قا يېقىن كۈتكۈچى بار، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 40 ى توقاي يېزىسىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ ئاشخانىسى بولسا خاسلىققا ئىگە شىنجاڭ تائاملىرى بىلەن، ئارال شەھىرىدىكى كىشىلەرنىڭ سىرتتىن كەلگەن دوستلىرىنى كۈتۈۋېلىشىدىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى.

ئايىمنىسا (ئوڭدا) تاللا بازىرى ئىگىسى بىلەن پاراڭلاشماقتا.

  ياشلار بەس-بەستە ئۆگىنىپ ئىگىلىك تىكلىدى

  بۇنىڭدىن باشقا، توقاي يېزىسىدىكى ياشلار ئايىمنىسانىڭ ئاشخانىسىدا ئاشخانا باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئايىمنىسانىڭ قوللىشى بىلەن، بەس-بەستە مەبلەغ توپلاپ ئىگىلىك تىكلەپ دۇكان ئاچتى.

  ئايىمنىسانىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئەتراپىدا، ئىلگىرى ئۇنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىگەن كەنت ئاھالىلىرى ھامبۇرگ بولكىسى دۇكىنى، ناۋايخانا، تاللا بازىرى ئاچتى، كىمنىڭ ئۆيىدە، دۇكىنىدا ئىش بولسا، ئايىمنىسا قىزغىنلىق بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلدى.

    يۇرتداشلىرىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولغاندىن باشقا، ئايىمنىسا 2010-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ نامرات يۇرتداشلىرىدىن ھال سورىدى. ھەر قېتىم يېزىغا قايتقاندا ئۇ پەرزەنتلىرىنى ئېلىۋالاتتى. «بالىلار مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىشى كېرەك، كېيىن قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر توقاي يېزىسىدىكى يۇرتداشلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، يېڭى بىر يىل كېلىپ قالدى، كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن بۇرۇنقىدەكلا كۆپچىلىككە ياردەم قىلىمەن.» ئايىمنىسا يېڭى يىللىق ئارزۇلىرىنى سۆزلىگەچ، ئىللىق تەبەسسۇم قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى