تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، ئارزۇ قوغلىشىش‎|‎‏ خېجىڭلىق ئەر-خوتۇننىڭ بېيىش يولى

      مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاڭ يۈ فوتوسى: چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەر، ۋاڭ لى بىلەن يولدىشى خې داگاڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھارپا كۈنى ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن جياۋزىنى پىشۇرۇپ يەپ بولۇپلا، پارنىكقا كىرىپ ئالدىراش ئىشلەپ، بۆلجۈرگەن ئۈزگىلى ۋە سېتىۋالغىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر، سودىگەرلەرنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىنى قىلدى.

      چاغاندىكى ئالدىراش، ئەمما خۇشال كۈنلەر

      ۋاڭ لى ئەر-خوتۇننىڭ بۆلجۈرگەن پارنىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرىنىڭ چاچا كەنتىدە، ئۇلار 10 پارنىكقا بۆلجۈرگەن تېرىغان بولۇپ، چاغان مەزگىلىدە سەككىز پارنىكتىكى بىرىنچى تۈركۈمدە پىشقان بۆلجۈرگەنلەرنى ئۈزگىلى ۋە سېتىۋالغىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر، سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، كۈنىگە 2000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىندى. «بۇ يىل چاغاندا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولساقمۇ، كۆڭلىمىز بەك خۇشال» دېدى ۋاڭ لى كۈلۈپ تۇرۇپ.    

      ئەر-خوتۇن ئىككىسى خېجىڭ ناھىيەسىدە ئەڭ بالدۇر بۆلجۈرگەن تېرىغان دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ بىرى. ئەينى ۋاقىتتىكى قىيىنچىلىقلارنى تىلغا ئالغىنىدا، ۋاڭ لى كۈلۈپ تۇرۇپ: «شۇ كۈنلەردە بەرداشلىق بەرگىنىمىز ئۈچۈن، بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشتۇق» دېدى.

      ئەينى يىلى بۆلجۈرگەنلەرنى سېتىش تەسكە توختىغانىدى

      2005-يىلى، ۋاڭ لى ئەر-خوتۇن ئىككى پارنىكقا بۆلجۈرگەن تېرىپ، شۇ يىلى قىشتا ئۈچ توننا ھوسۇل ئالدى.

      بۆلجۈرگەندىن ھوسۇل ئالغان بىلەن، سېتىش ئاسانغا توختىمىدى. ئۇلار كورلا شەھىرى ۋە خېجىڭ ناھىيە بازىرىدىكى نۇرغۇن مېۋە دۇكانلىرىغا باردى، شۇ چاغلاردا مېۋە دۇكانلىرىدا بۆلجۈرگەن ئىنتايىن ئاز سېتىلاتتى ھەم نۇرغۇن كىشى قىشتا بۆلجۈرگەن يېمىگەنلىكتىن، سودىگەرلەر مالنى كۆپ كىرگۈزەلمەيتتى.  

      «ئاغزىمىزنىڭ بىر قات تېرىسى چۈشۈپ قالغۇدەك سۆزلىسەكمۇ كار قىلمىدى» دېدى ۋاڭ لى، «نەچچە كۈن قاتراپ يۈرۈپ ئاز بىر قىسىم بۆلجۈرگەننىلا ساتالىدۇق، بۆلجۈرگەنلەرنىڭ ئېتىزدا سېسىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، خېلى ۋاقىتقىچە گېلىمىزدىن تاماقمۇ ئۆتمىدى، ئۇخلىيالمىدۇق».  

      2006-يىلى ئەتىيازدا، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى بۆلجۈرگەنلەر بەس-بەستە پىشتى، ئەر-خوتۇن بۆلجۈرگەنلەرنى تېخىمۇ چوڭ بازار—ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ سېتىشنى قارار قىلدى. شۇ يىلى ئەتىيازدا، بۆلجۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولۇندى.

      يۇرتداشلارنى باشلاپ، بىرلىكتە بېيىش

      2007-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە، ۋاڭ لى ئەر-خوتۇن بۆلجۈرگەن تېرىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، ئەمما، بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالمىدى. 2010-يىلى، ئۇلار يۇرتداشلارنى بىرلىكتە بۆلجۈرگەن تېرىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، بىر تەرەپتىن مال مەنبەسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپچىلىكنى بىرلىكتە باي بولۇشقا يېتەكلەشنى ئويلىدى.

      دەسلەپتە، يۇرتداشلار بۆلجۈرگەن تېرىشقا ئۇنچە قىزىقىپ كەتمىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇن يىل كۆكتات تېرىغان دېھقانلار ئىدى. ۋاڭ لى ئەر-خوتۇن تەجرىبىلىرىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ: بىر مو يەرگە تېرىغان بۆلجۈرگەندىن قىلغان كىرىم كۆكتات تېرىپ قىلغان كىرىمنىڭ ئىككى، ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، دېگەن بولسىمۇ، يۇرتداشلار سىناپ بېقىشقا پېتىنالمىدى. كېيىن، ۋاڭ لى ئەر-خوتۇن ھەر مو يەرگە تېرىغان بۆلجۈرگەندىن يىلىغا ئاز دېگەندە 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشقا، يەتمىسە ئۆزلىرى تولۇقلاپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، بىر نەچچە دېھقان سىناپ بېقىشقا ماقۇل بولدى. ۋاڭ لى ئەر-خوتۇن ئۇلارنى ئۇرۇق بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى ھەم تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەردى.

      2011-يىلى، بۇ بىر نەچچە ئائىلىلىك دېھقان بۆلجۈرگەنلەردىن ھوسۇل ئالدى، ۋاڭ لى ئەر-خوتۇن ئۇلارنىڭ بارلىق بۆلجۈرگەنلىرىنى سېتىشنى ھۆددىگە ئالغاندىن كېيىن، كەنتتە ئۈلگە بولدى. نۇرغۇن دېھقان ۋاڭ لى ئەر-خوتۇننى ئىزدەپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بۆلجۈرگەن تېرىيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېجىڭ ناھىيەسىدە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈپ ساياھەت قىلىش بىر خىل مودا بولۇۋاتقان ساياھەت ئۇسۇلىغا ئايلاندى، ۋاڭ لى ئەر-خوتۇن بۇنىڭدىن بىۋاسىتە نەپ ئالدى.

      ۋاڭ لى ئەر - خوتۇن بىر ياقتىن ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر ۋە سودىگەرلەردىن ئەھۋال سورىغاچ، مۇخبىرغا بۇ يىللىق پىلانلىرىنى سۆزلەپ: «تېخىمۇ كۆپ دېھقانغا بۆلجۈرگەن تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، بۆلجۈرگەن تېرىشنى كەسىپلەشتۈرىمىز» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى