تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ياخشى بولدى

  خەلق تورى خەۋىرى: ئېكولوگىيە مۇھىت مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تاراتقۇلارغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشىچە، 2019-يىلىق چاغان ھارپىسىدىن چاغاننىڭ 1-كۈنىگىچە (2-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 19:00 دىن 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 6:00 گىچە) بولغان مەزگىلدە، مەملىكىتىمىز شەھەرلىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولغان، پايدىسىز كىلىمات شارائىتى ۋە پوجاڭزا،ساليوت تەسىرىدە قىسمەن شەھەرلەرنىڭ مۇھىتىدا ئېغىر بۇلغىنىش كۆرۈلگەن.

بۇ مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاغان ھارپىسىدىن چاغاننىڭ 1-كۈنىگىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 338 شەھەر ئىچىدە، 70 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئېغىر ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدە بۇلغانغان، ئۇنىڭ ئىچىدە 11 شەھەرنىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان. ئالدىنقى كۈنىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ياكى ئېغىر بۇلغانغان شەھەر سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 49 ۋە 8 بولغان، پوجاڭزا ئېتىش ھاۋا سۈپىتىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل جايلار پوجاڭزا ئېتىشقا چەك قويۇش تەدبىرىنى يولغا قويغاچقا، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەت شەھەرلىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى