خەلق تورى خەۋىرى: 2019-يىلى مەملىكىتىمىز چاغانلىق ئالتۇن ھەپتە ساياھىتىدە كۈتۈاۋلغان ساياھەتچى ھەمدە ساياھەت كىرىمىدە قوش ئېشىش كۆرۈلدى. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 415 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.6 ئاشقان؛ يارىتىلغان ساياھەت كىرىمى 513 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان. تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە بۇ يىل مەملىكىتىمىزنىڭ چاغانلىق ساياھەت بازىرىدا ئوڭ يۆنىلىشلىك ئېشىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر ئاز ئاستىلاپ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى رەت بىر خانىلىق ئېشىش بولغان.
چاغانلىق يولۇچى مىقدارى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا قارىتا، ساياھەت كەسپىنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسى ۋاڭ شىڭبىننىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە چاغانلىق ساياھەتتە سىرتقا چىقىدىغانلارنىڭ ئاساسىي سانى بارغانسېرى چوڭىيىپ، ئېشىش سۈرئىتىنىڭ چۈشۈشى نورمال ئىكەن.