تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالتايدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەنتەربىيە دەرسى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى

  جۇڭگو مائارىپ گېزىتى خەۋىرى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرسىنى قار تېيىلىش مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، بالىلارنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزىقىشىنى كىچىكىدىن باشلاپلا يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىنىڭ قىشلىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرىنى يولغا قويۇش تەدبىرىنىڭ بىرى. ئالتاي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرى شۈ ماۋ مۇنداق دېدى: 2012-يىلى ئالتاي شەھەرلىك تەنتەربىيە ۋە مائارىپ تارماقلىرى بىرلىكتە ھەر يىلى قىشتا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ قار تېيلىش مەيدانىغا ئېلىپ كېلىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ ھېچقانداق چىقىمنى ئۈستىگە ئالمايدىغان بولۇپ، بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقىنىغا ئالتە يىل بولدى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالتاي ۋىلايىتى «جۇڭگودىكى قار ماكانى» بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى قار- مۇز تەنھەرىكىتىگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، 2018-يىلى قىشتا، ئالتاي ۋىلايىتى ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش شەكلىدە جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر جۈمە كۈنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىپ ۋە ھەر بىر يىللىققا ئىككى سائەتتىن ئېچىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قار تېيىلىش تەنھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شېخو كوچا ئويۇنى چاغاننى قىزىتىۋەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى