تىيانشان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى(CDC) تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن بالىنىڭ چىش چوتكىلىغاندا چىش پاستىسىنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ، چوڭ بولغاندا ئۇلاردا فتورلۇق داغلىق چىش كېسىلى كۆرۈلۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئۈچ ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بەش مىڭدىن كۆپ بالا ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ تەخمىنەن %40ى چىش چوتكىلىغاندا چىش پاستىسىنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقى، ھەر قېتىملىق ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ چىش چوتكىسى چوتكا قىلى رايونى ياكى ئۇنىڭ يېرىمى بىلەن تەڭ كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇتەخەسسىسلەر، چىش چوتكىلىغاندا، چىش پاستىسىنى ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ كۆك پۇرچاق چوڭلۇقىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن.
مەختۇمە ئەخمەت تەجىمىسى