تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

رەڭدار جۇڭگو يىلى

2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھەر مىللەت ئامما كورلا شەھىرىدىكى كاككۇك دەرياسى بويىدا ئاق قۇلارنى تاماشا قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چېن جيەنفېي، چۆ خۇرې، ئىختىيارىي مۇخبىر خې ياڭ): چاغان ھارپىسى دەل باش باھارغا ئۇدۇل كەلدى. باھار كېلىپ بايىنغولىن ئوبلاستىدا مۇزلار ئېرىپ، گۈزەل مەنزىرىلەر شەكىللەندى. دېھقان قېرىنداشلار بىر يىلدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىپ، يەرلەرنى تۈزلەپ، پارنىكلاردا مايسا يېتىشتۈرۈپ، قوزىلارنى تۆللىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى.

    بۇ يىل چاغاندا، چاغانلىق كەيپىيات ناھايىتى قويۇق بولدى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەممىلا جايىدا شاد-خۇراملىققا تولغان ئىناق كەيپىيات تولۇپ تاشتى. ئېگىز ئېسىلغان چوڭ قىزىل پانۇسلار، مول مەزمۇنلۇق، رەڭگارەڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، شېرىن بەخت تەبەسسۇملىرى… ھەممىسىدە چاغانلىق تەنتەنە ئىپادىلەندى. چاغان مەزگىلىدە، كورلا شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ مەيدان، باغچىلار كىشىلەر بىلەن لىق تولدى. خەلق مەيدانىدا، ھەر مىللەت ئامما شوخ ئۇسسۇلغا چۈشتى؛ كۆنچى تەنتەربىيە باغچىسىدا، چىراغ تاماشا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرى بەس-بەستە سۈرەتكە چۈشۈشتى؛ لىشياڭ كۆلى بالىلارنىڭ باغچىسىغا ئايلاندى؛ كاككۇك دەرياسى بويىدا، ئاق قۇلارنى تاماشا قىلىش كورلا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان كاتتا زىياپىتى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى