تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تاماق يېگەندە يانفون ئويناش ئۈچەي، ئاشقازانغا ئەڭ زىيانلىق ‏

  كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۈچ ۋاق تاماق ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە، شۇنداقلا ئېلېكتىرونلۇق ئەسلىھەلەرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممەيلەندە تاماق يېگەندە يانفون ئوينايدىغان ئادەت يېتىلدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى فەن جىخوڭ: تاماق يېگەندە دىققەتنى يىغمىسا، سالامەتلىككە زىيانلىق، دېدى.

  فەن جىخوڭ مۇنداق دېدى: ئادەم دىققىتىنى يىغىپ ئويلاۋاتقاندا ياكى روھىي بېسىمى بىر قەدەر چوڭ بولغاندا، نېرۋا ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ھەزىم قىلىش يولىدىكى قان تەمىنلەش ئازىيىپ، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشى ئازىيىدۇ، بولۇپمۇ، ھەزىم قىلىش، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئەسلىدىلا ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۈتۈن دىققىتى بىلەن تاماق يېيىش يېمەكلىكنى تولۇق ھەزىم قىلىپ، قوبۇل قىلىشقا پايدىلىق.

  فەن جىخوڭ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: گەرچە ھازىرقى جەمئىيەتتە بېسىم چوڭ بولسىمۇ، ئەمما تاماق يېگەندە يەنىلا پۈتۈن دىققەت بىلەن يەپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ تويۇنغان ھالىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلىش، زىيادە كۆپ يەۋالماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېز يېمەسلىك كېرەك، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتقاندىلا، يېمەكلىكتىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىدۇ ھەم ئاشقازان، ئۈچەي يولىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.

  «خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش