تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ئىش ئورنۇمدا تۇغقىنىمنىڭ ھەمراھلىقىدا چاغان ئۆتكۈزدۈم

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ چىڭشيا): 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەنى چاغاننىڭ 6-كۈنى، ئايرودۇرۇم تەكشۈرۈش پونكىتىدا مۇھاپىزەتتە تۇرۇۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 5-تارماق ئەترىتى 5-چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى بىر تۈركۈم ئالاھىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار گەرچە مېھمان بولسىمۇ، ئىشىكتىن كىرىپلا يەڭنى تۈرۈپ ئىشقا كىرىشىپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، جىلتە ئېچىپ، قىيما قىلىپ، يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا مەززىلىك ھىدى چىقىپ تۇرغان جياۋزىنى تاماق ئۈستىلىگە قويدى.

  مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە بۇ ساقچىلارنىڭ تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى، ئالايىتەن «تۇغقان يوقلاش» ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدى.

  30 ياشلىق شىرزات ماخمۇت ئايال ساقچى جۇڭ خۇينىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇ سىڭلىسىنىڭ قاچىسىغا جياۋزى سېلىپ بەرگەچ، مۇخبىرغا جۇڭ خۇي ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى، ئادەتتە قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسا، سىڭلىسى ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ دائىم دەل ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى، ھازىر ئىككى ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شۇ كۈنى، چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، شىرزات سىڭلىسىنى كۆرگىلى كېلىپ، ئۇنىڭغا يېڭى يىللىق بەخت تىلەپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە جەم بولۇش تامىقى يېدى.

  تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ساقچىلار ۋە تۇغقانلىرى بىرلىكتە قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينىدى. 5-چوڭ ئەترەتنىڭ ئەترەت باشلىقى چېن شىڭيۈ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تۇغقان يوقلاش پائالىيىتى ئارقىلىق بايرام كەيپىياتى ئۇلغىيىپلا قالماي، ساقچىلار ۋە تۇغقانلار ئارىسىدىكى ھېسسىيات تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ قەلبى تېخىمۇ يېقىنلاشتى، مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش