شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شې خۇيبيەن): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، چاغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا بارا-بارا ئۆرلەپ، كۈچلۈك ھاۋارايى جەريانى كۆرۈلمەيدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە 2-ئاينىڭ 11-كۈنى كۈندۈزدىن 12-كۈنى كېچىگىچە سۇس تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، كېيىن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ℃6-تىن ℃17-قىچە بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بىر ھەپتىدىن كېيىن تېمپېراتۇرا بارا-بارا ئۆرلەيدىكەن.
2-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدىن 13-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال قار يېغىپ، قېلىن قارغا ئۆزگىرىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 8 بال ئەتراپىدا بولۇپ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەپ، كېيىن ئاستا-ئاستا ئۆرلەيدىكەن.