تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۈندە ئۈچ قېتىم چىش چوتكىلىغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىگىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن

  جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى خەۋىرى: كورىيە دۆلەتلىك سېئول داشۆسى بۇنداڭ دوختۇرخانىسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىندا بايقىشىچە، كۈندە ئۈچ قېتىم چىش چوتكىلىغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار پايدىلانغان سانلىق مەلۇماتنى كورىيە دۆلەتلىك سالامەتلىك سۇغۇرتا سېستىمىسى تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇلار 40ياشتىن يۇقىرى جەمئىي 248مىڭ ئاھالىنىڭ ئۇچۇرىنى يىغقان. چىش بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە %40.5 كىشى كۈندە چىشىنى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ قېتىم چوتكىلايدىكەن، %44.8 كىشى كۈندە چىشىنى ئەتىگەن ۋە كەچتىلا  چوتكىلايدىكەن، %14.7 كىشى كۈندە چىشىنى بىرلا قېتىم چوتكىلايدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە %25.9 كىشىنىڭ يىلدا بىر قېتىم چىش يۇيغۇزۇش ئادىتى بار ئىكەن. 9.5 يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ ئۆلۈپ قېلىش،يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، سەكتە ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە دائىر ۋەقەدىن جەمئىي 15 مىڭى يۈز بەرگەن.

  نەتىجىدە، چىش ئەتراپى ياللۇغى،قۇرت يېگەن چىش سانى كۆپ ياكى چۈشكەن چىش سانى كۆپ كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولغان،كۈندە چىشىنى ئۈچ قېتىم چوتكىلايدىغان كىشىلەردە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىك ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى %9 تۆۋەن بولغان، يىلدا بىر قېتىم چىش يۇيغۇزىدىغان كىشىلەردە يۇقارقى خەۋپنىڭ يۈز بېرىشى نىسبىتى %14 تۆۋەن بولغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆپ چىش چوتكىلاش، چىش يۇيدۇرۇش ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىنى ياخشىلايدىغان ئادەتلەر بولۇپ، نۇرغۇن ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىلىرىنى ئازايتىدىكەن، شۇنداقلا يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداش رولىنى ئوينايدىكەن.

  گۈلنۇر تۇرسۇن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى