تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

چاقچاقلىشىپ تۇرىدىغان ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشتا بەختلىك ئۆتەلەيدىكەن

    ئائىلە قۇرغان ھەر قانداق ئەر-خوتۇن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ مۇنداق ئاددىي ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بار. ئامېرىكا پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، دائىم بىر-بىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ، بىللە كۈلەلەيدىغان ئەر-خوتۇننىڭ بەختلىك تۇرمۇشى تېخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلالايدىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەنگىلا خاس بولغان خۇشاللىقتىن بەھرىلىنەلىسە يەنى كۈلۈش نۇقتىسى ئوخشاش بولسا، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدىكەن.

  بۇ تەتقىقاتنى ئامېرىكا كانزاس داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان بولۇپ، دوكلات «كىشىلىك مۇناسىۋەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. تەتقىقات ئۆمىكى يۇمۇرىستىك تۇيغۇنىڭ بىر مەزگىللىك رومانتىك مۇناسىۋەتتىكى مۇھىملىق دەرىجىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى 39 تۈرلۈك تەتقىقاتنى يىغىنچاقلاپ ئانالىز قىلغان. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئادەمنىڭ ناھايىتى يۇمۇرىستىك، باشقىلارنىڭ «كۈلكە دورىسى»بولۇپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ مۇھەببەت جەھەتتە تېخىمۇ بەختلىك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. ھالبۇكى، «ئۆزلىرىلا بىلىشىدىغان چاقچاق»ى بار، «بىرلىكتە يۇمۇرىستىك تۇيغۇ پەيدا قىلالايدىغان» ئەر-خوتۇنلار داۋاملىق ئىناق ئۆتەلەيدىكەن.

  ئەلۋەتتە، چاقچاقمۇ لايىقىدا بولۇشى كېرەك. «قوپال چاقچاق» قىلىشىدىغان ئەر-خوتۇن ھەمىشە بىر-بىرىگە تەنە قىلىشقاچقا، مۇناسىۋىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، بەختنىڭ پەيزىنى ئۇزاققىچە سۈرەلمەيدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

پاتىمە يۈسۈپ تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى