2-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر سۈيشيەن ناھىيەسى خۇتاڭ يېزىسىدىكى «نامراتلارنى يۆلەش بۆلجۈرگەن پارنىكى»دا بۆلجۈرگەن ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى سۈيشيەن ناھىيەسى خۇتاڭ يېزىسى نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، 160دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، تەۋەلىكتىكى بىر يېزا ئىگىلىك بازىسىغا پاي قوشۇشنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، مەركەزلىك تېرىقچىلىق، يىغىش بىر گەۋدىلەشكەن 30مودىن ئارتۇق «نامراتلارنى يۆلەش بۆلجۈرگەن پارنىكى»نى قۇردى. نامرات ئائىلىلەر «پايدا تەقسىماتى»غا ئېرىشىش بىلەن بىرگە يېزا ئىگىلىك بازىسىدا ئىشلەپ پۇل تېپىپ، «قوش مول ھوسۇل ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ جۈنشى فوتوسى)