تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مىڭفەن): 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ياغقان قاردىن كېيىن، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃6-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃17- بولىدۇ.
ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا گەرچە ℃10- تىن ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تېمپېراتۇرا پەرقى بىرقەدەر چوڭ بولغاچقا، سوغۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىسسىق ساقلاش يەنىلا مۇھىم.
پۈتۈن شىنجاڭدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە، بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال قار يېغىپ، قېلىن قارغا ئۆزگىرىدىكەن.