شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز مالىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمانچىلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، 2 مىليارد 434 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز مەخسۇس تۈر مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاست، شەھەرلەرگە بۆلۈپ تارقىتىپ بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، 2 مىليارد 434 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاساسلىقى ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش، ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمىگە تولۇقلىما بېرىش، ئورمان پەرۋىشى، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتنى ئازايتىش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن.