ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 11-، 12-كۈنلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئازراق قار يېغىپ، ئۈچ-تۆت بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. چارشەنبە كۈنىدىن مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدىكەن، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭ بولمايدىكەن. بۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 8~4 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 17~12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2-ئاينىڭ 11-، 12-كۈنلىرى ئازراق قار ياغىدىكەن
مۇھەررىر :
ئايزۆھرە ئەنۋەر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/02/11 12:42
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.