سۈرەتنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول سانجى تارماق ئەترىتى تەمىنلىگەن
تىيانشان تورى خەۋىرى: چاغانلىق دەم ئېلىشتىن قايتىش قاتناش بېسىق مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ توسۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى شوپۇرلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش قىستاڭچىلىقى سەۋەبلىك تۇرۇپ قالغاندا، جىددىي قاتناش يولىنى ئىگىلىۋېلىشكە قەتئىي بولمايدۇ، چوقۇم نۆۋەت بىلەن يول يۈرۈش كېرەك، ناۋادا خىلاپلىق قىلىنسا، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 200يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ۋە ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ.
گۈلنۇر تۇرسۇن تەرجىمىسى