تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريول ئىدارىسى پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى يەنە تەڭشەيدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ يەنخۇڭ): 3-ئاينىڭ 2-كۈنى 0دىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريول ئىدارىسى يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتناش خەرىتىسىنى بۇ يىل ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم تەڭشەپ يولغا قويىدىكەن، بۇ قېتىملىق تەڭشەشتە، جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىدە ئىككى جۈپ پويىز كۆپەيتىلىدىكەن، ئۈچ جۈپ پويىزنىڭ قاتناش بۆلىكى تەڭشىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 12 نۆۋەتچى پويىزنىڭ توختاش بېكىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق(پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى) تەڭشەشتە، قەشقەر- ئاقسۇ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9739/40 قېتىملىق ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك يولۇچىلار تېز پويىزىدىن بىر جۈپى كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، سەپەر جەريانىدا ئاتۇش ۋە مارالبېشى ۋوگزالىدا توختايدىكەن.

  K9740 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قەشقەر بېكىتىدىن سائەت توققۇزدا قوزغىلىپ، شۇ كۈنى سائەت 15تىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇ بېكىتىگە يېتىپ بارىدىكەن؛ K9739 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ئاقسۇ بېكىتىدىن سائەت 16دىن 25مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، شۇ كۈنى سائەت 23تىن 41مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەرگە يېتىپ بارىدىكەن. بۇ پويىزلار قاتنىغاندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋە قەشقەر ۋىلايىتى ئارىلىقىدىكى يولۇچىلارنىڭ قىسقا مۇساپىلىك پويىزغا ئولتۇرۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى- كورلا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9738/5، K9736/7 قېتىملىق يولۇچىلار تېز پويىزىدىن بىر جۈپى كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ پويىزلار بېرىش- كېلىش يولىدا ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى، تۇرپان، مالەن، خوشۇت ۋە يەنجى ۋوگزالىدا توختايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، K9736/7 قېتىملىق يولۇچىلار تېز پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن سائەت 16دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، شۇ كۈنى سائەت 22دىن 14مىنۇت ئۆتكەندە كورلا ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ K9738/5 قېتىملىق يولۇچىلار تېز پويىزى سائەت 9دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە كورلا ۋوگزالىدىن قوزغىلىپ، شۇ كۈنى سائەت 15تىن 08مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، ئۈرۈمچى-كورلا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ھازىر ئىككى جاي ئارىلىقىدا 13 جۈپ يولۇچىلار پويىزى قاتنايدىكەن، بۇ بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىدىكەن.

  بۇ قېتىملىق(پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى) تەڭشەشتە، ئۈچ جۈپ پويىزنىڭ قاتناش بۆلىكىدە ئۆزگىرىش بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، K9722/3، K9724/1 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزلىرى ئۈرۈمچى- ئاقسۇ ئارىلىقىدا قاتنايدىكەن. ئۈرۈمچى- خوتەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان 7556/7، 7558/5 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزلىرى ئۈرۈمچى- قەشقەر ئارىلىقىدا قاتنايدىكەن. ئۈرۈمچى- بېيتۈن شەھىرى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9791/2 قېتىملىق پويىزلارنىڭ مۇساپىسى ئالتايغىچە ئۇزارتىلىدىكەن.

  باشقا 12 يولۇچىلار پويىزىنىڭ توختاش بېكەتلىرىدىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىش بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، غۇلجا- ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان T9504 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى بىلەن خوتەن- غۇلجا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9720/17 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزلىرى شىخو ۋوگزالىدىمۇ توختايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن، ئۈرۈمچى- شىخو ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى ئۈچ جۈپكە كۆپىيىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى-شىخو ئارىلىقىدا ئىككى جۈپ پويىز بىۋاسىتە قاتنىغان بولۇپ، شىخو شەھىرى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ئۈچ سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەن. يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ قاتنىشى شىخو بىلەن ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ زامان-ماكان ئارىلىقىنى قىسقارتىپلا قالماي، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتقان، شۇنداقلا شىخو بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا جايلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى تېزلەتكەن.

مەختۇمە ئەخمەت تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى