2-ئاينىڭ 9-كۈنى خېبېي ئۆلكىسى جىڭدىڭ ناھىيەسى قەدىمىي شەھەر نەنچېڭمېن ئاسمىنىدا ئېتىلغان رەڭگارەڭ ئېلېكترونلۇق پوجاڭزىلار كىشىلەرگە ئالاھىدە ھۇزۇر ئاتا قىلدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەر قايسى جايلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى، ئالاقە تىجارەت سودىگەرلىرى، تور ساياھەت مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات يغىنچاقلىشى، جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى ( مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بۆلۈمىنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى)نىڭ ئۇنىۋېرسال مۆلچەرىچە، 2019-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىنىڭ ئومۇمىي سانى 415 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشقان، ئەمەلىي يارىتىلغان ساياھەت كىرىمى513 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان.
(مۇخبىر جاڭ خەيچاڭ فوتوسى)