تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازاردا يۈز كىشىلىك «گۆھەر ئىزدەش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى. 2-ئاينىڭ 8-كۈنى چاغاننىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان رايونىنىڭ 2019-يىللىق قىشلىق ساياھەت پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان «چوڭ بازاردا گۆھەر ئىزدەپ چاغان ئۆتكۈزۈش» نىشانلىق گۆھەر ئىزدەش پائالىيىتى خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە باشلاندى، يۈزدىن كۆپرەك كىشى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ چوڭ بازاردا «گۆھەر ئىزدىدى.»

  «پائالىيەت باشلاندى!» 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چوڭ بازارنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكران ئالدىدا رېپىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پائالىيەت رەسمىي باشلاندى.

  پائالىيەتكە قاتناشقانلار تۆت ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، يىپ ئۇچى يېزىلغان ۋاراقچىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى ئەسكەرتمە بويىچە ھەر قايسى ۋەزىپە نۇقتىلىرىغا بېرىپ مۇناسىپ «گۆھەر»نى ئىزدىدى.

  نەنۋەن كوچىسى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومېتىتىدىن كەلگەن جاڭ ياجىڭ چوڭ بازاردىكى پىيادىلەر كوچىسىغا داۋاملىق كېلىدىغان بولۇپ،كىچىك گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى بولدى ۋە ئالىيە ئابلەت، ئەزىمەت تۇراخۇن، مىنۇرا ئىلشات قاتارلىق گۇرۇپپا ئەزالىرى بىلەن ئەڭ ئالدىدا يىپەك يولى قول ھۈنەر ـ سەنئەت سەنئىتى پىيادىلەر كوچىسىغا كېلىپ «ئەڭ ياخشى سۈرەتكە چۈشۈش نۇقتىسى»دا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

   ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسىدا بەزىلەر تەنھەرىكەتكە ماھىر، بەزىلەر يولغا پىششىق، بەزىلەر چالغۇ ئەسۋابلارنى ئوبدان بىلىدىغان بولغاچقا، مۇسابىقىدە مۇناسىپ ئەۋزەللىكى بار ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار 34 مىنۇتتا مۇسابىقىنى تاماملاپ، بىرىنچىكىچىك  گۇرۇپپىنىڭ 1-لىكىنى قولغا كەلتۈردى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك نىشانلىق تەنھەرىكەت جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان بولۇپ، چوڭ بازارنىڭ پىيادىلەر كوچىسى، چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا چوڭ بازاردىكى تونۇر، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى، مۇز ئۆيدىكى مەززىلىك تائاملار، يىپەك يولى قول ھۈنەر  ـ سەنئىتى پىيادىلەر كوچىسىدىكى ئەڭ ياخشى سۈرەتكە چۈشۈش نۇقتىسى، يىپەك يولى مەنزىرە مۇنارى قاتارلىق قۇرۇلۇش، خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئىزدەپ تېپش ھەم مۇناسىپ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت ئامىللىرى بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەت 16-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پائالىيەتكە 30 نەچچە گۇرۇپپا، 120 نەچچە ئادەم تىزىملاتقان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چاغان مەزگىلىدە ئاساسىي قاتلامنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى، شۇنداقلا نەق مەيداندىكى ساياھەتچىلەر بولۇپ، مۇسابىقىدە ۋەزىپىنى ئەڭ تېز تاماملاپ قايتقانلار  غەلىبە قىلىش، غەلىبە قىلغانلار مۇكاپات ۋە چاغانلىق قىزىل بولاققا ئېرىشىش بەلگىلەندى.

  تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھۈسەنجان يۈسۈپ مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ چاغاندىكى قاينام تاشقىنلىق كەيپىياتى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، يەنىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر قويۇق بايرام تۈسىدىن بەھرلەندى، ئىناق،خۇشال بايرامدىن ھۇزۇرلاندى.

(مەمەتئېلى ھەسەن تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى