تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاغانلىق ساياھەت باشقىچە گۈزەل بولدى، كۆڭۈللۈك ئارام مەزگىلى شادلىققا تولدى

  چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ئاساسىي تېمىسى روشەن، خاسلىقى ئۆزگىچە بولغان كۆپ خىل مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى قويۇق چاغان پۇرىقى ئىچىدە خۇشال- خۇرام چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  پارقىراق، سۈزۈك قار-مۇزلار، قويۇق چاغان پۇرىقى بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىپ بايرام ئۆتكۈزۈشكە جەلپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، شىنجاڭ 1 مىليون 952 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.14 ئاشقان؛ ساياھەت كىرىمى 2 مىليارد 397 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %78.08 ئاشقان، ساياھەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمالى 1227.66 يۈەن بولغان.

  2-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتە، شوخ داقا- دۇمباق ساداسى تىيانشان تىيەنچى كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى. ئاپئاق قار قاپلىغان كۆل ئۈستىگە ئادەملەر توپلاشقان بولۇپ، خۇشال كۈلكە- پاراڭلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى، «چاغاندا شېخو كوچا ئويۇنى ئويناش، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەر بىلەن چاغان ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

  ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگېر ئۇسسۇلى، ئۆي قېيىق ئويۇنى... سەرخىل ئويۇنلار كەينى- كەينىدىن ئوينالدى، شادلىق كەيپىياتى تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە ئويۇن كۆرسىتىش ئەترىتىدىكىلەرنى ئورىۋېلىپ ئالقىش ياڭراتتى، سۈرەتكە تارتتى، نۇرغۇن ساياھەتچى يەنە شۇ ھامان قىزىل، يېشىل، سېرىق لېنتىلارنى باغلاپ، ئويۇن كۆرسىتىش ئەترىتىدىكىلەرگە قوشۇلۇپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.

  «شىنجاڭنىڭ تاغلىرى گۈزەل، قارلىرى گۈزەل ئىكەن، بۇ يەردە چاغان ئۆتكۈزسە باشقىچە بولىدىكەن» دېدى سىچۈەندىن كەلگەن ساياھەتچى لى تاۋ خۇشال ھالدا.

  تىيانشان تىيەنچى كۆلى مەنزىرە رايونى قار-مۇز ئويمىچىلىقى تاماشاسى، قار- مۇز تەنھەرىكىتى، قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى، ئارىشاڭدا كۈتۈنۈش قاتارلىق كۆپ خىل تۈر يۇغۇرۇلغان قار- مۇز شادلىق بايرىمى پائالىيىتىنى يولغا قويدى، يەنە شېخو كوچا ئويۇنى كۆرسىتىشنى تەشكىللەپ، ھەم جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، چاغان پۇرىقىنى كۈچەيتتى، ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى بېيىتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، «چاغاندا شېخو كوچا ئويۇنى ئويناش، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەر بىلەن چاغان ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن 2-ئاينىڭ 7-، 9-كۈنى ئىككى كۈندە، ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، تىيانشان تىيەنچى كۆلى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 7502 ئادەم قېتىمغا يەتتى. 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، بۇ مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 30 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى.

  بۇ يىل، قاناس مەنزىرە رايونىدىكى «قۇم قاناس ئىپتىدائىي يىلى» پائالىيىتى ئىچكىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى. گۈلخان يېقىپ ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشتىن سىرت، يەنە قارلىق دالىدىكى ئات بەيگىسى، قارلىق دالىدىكى ئوغلاق تارتىشىش، قارلىق دالىدىكى قىز قۇۋار قاتارلىق بىر قاتار قار-مۇز ئويۇنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، قاناس، قۇم قاناس قاتارلىق ئۈچ مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىڭ كىشىگە يېقىنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 2673 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئاشتى.

  ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغىنى يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە تولغان قويۇق چاغان پۇرىقى بولدى.

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاۋات دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا چاغانلىق شېخو كوچا ئويۇنى پائالىيىتى ئەۋجىگە چىققانىدى. 5000دىن كۆپرەك ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ئۆي قېيىق ئويۇنى، ياڭگېر ئويۇنىدىن ھۇزۇرلىنىپ، كاتتا چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزدى. بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ چيۇڭياۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل مەنزىرە رايونى ئۆتكۈزگەن 5-نۆۋەتلىك «دولانلىقلار بىلەن بىللە چاغان ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر چاغانلىق تىلەك تىلەش، مۇز تېيىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن سىرت، يەنە ئۆزگىچە تەمگە ئىگە مەززىلىك تائاملارنى تېتىيالايدىكەن، ناخشا-ئۇسسۇل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن ھەمدە دولان مىللىي ئۆرپ-ئادەت ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىدا ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت نومۇرلىرىنى كۆرەلەيدىكەن.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنى كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى «چاغاندا سانجىدا بىر كۈن ساياھەتتە بولۇش» پائالىيىتى سانجى مەدەنىيەت كۆرگەزمە باغچىسى، ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسى، شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ماختىشىغا ئېرىشتى، شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى بىر مەھەل تاماشىبىن بىلەن لىق تولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدىكى بېلەت سېتىلىش يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى.

  قار تېيىلىش بىر مەيدان سۈرئەت بىلەن ھېسسىياتنىڭ سوقۇلۇشىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ساياھەتچى قار تېيىلىشنى راھەت ھېس قىلىدىغان بولدى، چاڭغا تېيىلىش چاغان ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر خىل يېڭى شەكلىگە ئايلاندى.

  2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 80 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100تىن ئارتۇق ئاشتى. خىزمەتچى خادىملار ھەر كۈنى سائەت 10 يېرىمدىن كەچ سائەت 10غىچە ئۇدا تىجارەت بىلەن ئالدىراش بولدى. نىڭشيادىن كەلگەن قار تېيىلىش مەستانىسى جاڭ جياڭچۈەن ئون نەچچە دوستىنى تەشكىللەپ، چاغاننىڭ 1-كۈنىلا شىنجاڭغا قار تېيىلغىلى كەلدى. ئۇلار پۈتكۈل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزدى.

  خۇبېي ۋۇخەنلىك ليۇ شياۋفاڭ ئاتا-ئانىسىنى ئېلىپ ئالتايغا كەلدى، «ئالتايغا قار تېيىلغىلى، قاردىن ھۇزۇرلانغىلى كېلىپ، شىنجاڭنىڭ قويۇق چاغان پۇرىقىنى ھېس قىلدىم، چاغان ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇراسىم تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى» دېدى ليۇ شياۋفاڭ.

  ئالتاي جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا چاغان مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر مىغ-مىغ ئىدى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا ئىشىك ئېچىلىشىغىلا ئىچكىرىلىك قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بەس-بەس بىلەن كىرىشكە باشلىدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، چاغان مەزگىلىدە، پەقەت ئۆمەك تەشكىللەپ ئالتايغا قار تېيىلغىلى كەلگەن ئىچكىرىدىكى قار تېيىلىش كۇلۇبلىرىنىڭ ئەزالىرىلا 400 نەچچىگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى