تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا تىرىشقانلارغا باھار بالدۇر كېلىدۇ

جاڭ بېي

  «باھار دېگەن نېمە؟ باھار يىلنىڭ باشلىنىشىدۇر». چاغان خۇشال-خۇرام جەم بولىدىغان، بىرلىكتە كونا يىلنى ئۇزىتىدىغان گۈزەل پەيت بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، روھنى ئۇرغۇتىدىغان، يېڭى يىلغا نەزەر تاشلايدىغان چوڭ ياخشى پۇرسەت. يېڭى يىلدا يېڭىچە كەيپىياتتا بولۇش، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن، چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەر، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قىياپەت بىلەن يېڭى بىر يىلدا ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈستىدە پىلان تۈزمەكتە، ئىنتىلمەكتە.

  «يىلنىڭ ئىشى باھاردىن». باھاردا ھەممە مەۋجۇدات جانلىنىدۇ، بۇ دەل قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى مەزگىل. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا پىلان، نىشان بولۇشى كېرەك، شۇندىلا تىرىشىپ ئىلگىرىلىگەندە نىشان ئايدىڭلىشىدۇ، قەدەم پۇختا بولىدۇ. «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش» «يېڭى بىر يىلدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش» «يۇرتنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتە سېتىش»... بۇ بىز تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەر ۋاقىت ئاڭلايدىغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ كىچىك نىشانى، شۇنداقلا ھەربىر ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى كونكرېت پىلانى، نىشان بولغاندىلا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولىدۇ، ئۈمىد بولىدۇ.

  بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. ئېنىق نىشان بولغان ئىكەن، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ ئىچى يەنىلا قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرىگە تولغانىدى. ئىشچى- خىزمەتچىلەر 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاپشۇرىدىغان زاكاز ئۈچۈن ئالدىراش ئىدى، سۈرئەت ھەتتا سائەت بويىچە ھېسابلاشقىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەنىدى. يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2018-يىلىدا، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتىنىڭ يىللىق تىرانسفورموتور ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلات مىقدارى 260 مىليون كىلوۋولت- ئامپېرغا يېتىپ، دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇردى. ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن پۇختا قىلغاندىلا، نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. مەيلى كارخانا بولسۇن ياكى شەخس بولسۇن، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەممىسى ئاز-ئازدىن كۈرەش قىلىش داۋامىدا جۇغلىنىپ بارلىققا كېلىدۇ.

  تۈرلۈك كەسىپلەر گۈللىنىدىغان باھاردا، ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قەلب ئېتىزىنى ھەممىدىن بەك سۇغىرالايدۇ. ئاپتونوم رايون بۇ يىل يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېزىلاردىكى بېيىش باشلامچىلىرىغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزىدۇ؛ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش پەللىسىنى بەرپا قىلىش ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بەخت ئېلىپ كېلىدۇ... مەيلى كىچىك نىشان بولسۇن ياكى چوڭ پىلان بولسۇن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەگىشىپ ماڭغاندىلا، كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدۇ، يول ئوچۇق بولىدۇ.

  ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز. چاغانلىق ئۇزاق دەم ئېلىش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئىگىلىكنى ساقلاپ قالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يېڭى يىلغا زور ئارزۇ-ئۈمىد باغلاپ، يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى. يېڭى يىلدا ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىدىكى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە تىرىشچانلىقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى