تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ئارزۇغا ئىنتىلىش

  يىلنىڭ ئىشى باھاردىن. چاغانلىق دەم ئېلىش تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرىدىكى «ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر» ئاللىقاچان ھەرىكەتكە كېلىپ، داۋاملىق ئۆز خىزمەت ئورنىدا جان تىكىپ كۈرەش قىلدى.

  چاغان مەزگىلىدە، قاراماي شىنكېئاۋ نېفىت-تەبىئىي گاز تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى. «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قاتتىق غەيرەت قىلدى!» 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، بۇ شىركەت پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور شاۋ يۈ مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىمقى مۇھىم، چوڭ بايراملاردا شىركەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئىش ئورنى 1-سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى».

  قاراماي شىنكېئاۋ نېفىت-تەبىئىي گاز تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتى كۆپلىگەن دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قۇرۇلغان پۇقراۋى كارخانا. 2001-يىلى 3-ئايدا، شىركەت پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى زىچ ئۇيۇشتۇردى.

  «بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغان ئالتە جەھەتتىكى سىياسەت، تەدبىرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، بۇ بىزنىڭ شىركەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى». شاۋ يۈ مۇنداق دېدى: «سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلىشىمىز، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك. شىركەت تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، بۇ يىل يېشىل نېفىتلىك تۈرىنى قانات يايدۇرۇشقا 10 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، چۆللۈكتىكى نېفىتلىك رايونىدا كۆچەت تىكىپ، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈپ، نېفىتلىك رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى پىلانلىدى».

  «چاغاندا ئاز-تولا سەمىرىپ قويۇش كېرەك، شىخەنزىلىكلەرنىڭ چاغانلىق تاماق ئۈستىلىدە ئاشكارىلانغان خەۋەرلەر...» 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىخەنزە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر رايونىدا، شىخەنزە شەھەرلىك مىكرو تۇرمۇش تاراتقۇ چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى شاۋ يەنفېي كومپيۇتېرىدا شۇ كۈندىكى ئۈندىدار سۇپىسىدا تارقاتماقچى بولغان مەزمۇنلارنى تېزلىكتە رەتلەۋاتاتتى.

  29 ياشلىق شاۋ يەنفېي شىخەنزىدىكى داڭلىق شەخس. 2013-يىلى ئۇ ئىجارە ئالغان ئۆيدە «شىخەنزە مىكرو تۇرمۇش» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى ئاچقانىدى. دەسلەپكى بىر ئادەم، بىر يان تېلېفون، بىر كومپيۇتېردىن ھازىرقى بىر شىركەت، بىر كوللېكتىپقىچە، «شىخەنزە مىكرو تۇرمۇش» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، «شىخەنزە چەمبىرىكى» APPسىنى نۆۋەتتە چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ ئىشلەتكۈچى ئابۇنىچىمۇ 50 مىڭدىن ئاشتى.

  مۇخبىر «شىخەنزە مىكرو تۇرمۇش» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ يەرلىك قاتناش ئۇچۇرلىرى، نىمكەش ئۆي ئېلىم-سېتىمى، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى، ئاپتوموبىلنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش-سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك مۇلازىمەت سۇپىسى ئىكەنلىكىنى كۆردى. شاۋ يەنفېي مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، مەن <شىخەنزە مىكرو تۇرمۇش>تىن ئىبارەت بۇ <ئېلېكتىرونلۇق نام كارتىسى>دىن پايدىلىنىپ، شىخەنزىنى پۈتۈن مەملىكەتكە، پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرىمەن».

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ماناس ناھىيەسىنىڭ لوتۇيى بازىرىغا بىۋاسىتە قاراشلىق 9922- ئەترەتتىكى 23 ياشلىق كەنت ئاھالىسى جاڭ تاۋ ھويلىسىدا بەش پاكار ئېتىغا يەم بېرىۋاتاتتى؛ ئامباردا ئۈچ توز پات- پات سايراپ قوياتتى؛ ئون نەچچە چار توخۇ باقمىچىلىق لاپىسىدا ئۇياقتىن- بۇياققا «ئاستا» ماڭاتتى...

  كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، جاڭ تاۋنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. «مېنىڭ ئەسلىدە 21 تۇياق پاكار ئېتىم بار ئىدى، بۇلتۇر ئارقا-ئارقىدىن سېتىۋەتتىم، ئەڭ ياخشى بىر تۇياق ئاتنى 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا ساتتىم. ھازىر پەقەت مۇشۇ بەش تۇياق بايتاللا قالدى، يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن قۇلۇنلايدۇ». جاڭ تاۋنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر بىر يىلدا ئۇ يەنە 7000 چار توخۇ بېقىپ، قىش كىرىشى بىلەنلا ھەممىنى سېتىپ بولغان. خاس باقمىچىلىققا تايىنىپ، جاڭ تاۋ بىر يىلدا 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغان.

  «پاكار ئات باقمىچىلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، بۇ يىل مەن بايتالنى نەسىللەندۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نەسلىنى ئەلالاشتۇرىمەن. ئۇنىڭدىن سىرت، بىرقانچە كۈندىن كېيىن مەن يەنە 10 مىڭ چار توخۇ چۈجىسى سېتىۋالىمەن». جاڭ تاۋ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: كىشى بىكار قالسا بولمايدۇ، پەقەت توختىماي كۈرەش قىلغاندىلا ئاندىن ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز.

  كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ تاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەن باقمىچىلىق قىلىش ئارزۇسى بار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، پاكار ئات، چار توخۇ باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن».

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، جاڭ شيۇ، جاڭ لېي، فېي شۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈي ۋېنجۈەن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى