تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قار-مۇزلۇقتىكى «قىشتىكى بالىلار چۆچىكى»

  تىيانشان تورى خەۋىرى. چاغان مەزگىلىدە، بۇرچىن ناھىيەسى ئۆتكۈزگەن «قىشتىكى بالىلار چۆچىكى»مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى بايرامدىكى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى چېگرا شەھىرىنىڭ ئالاھىدە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

  «چاغاننىڭ ھەممە كۈنىدە چوڭ خۇشاللىق بار». چۇشىدىن باشلاپ «بالىلار چۆچىكى چېگرا شەھىرى» بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ «قىشقا مۇھەببەت»سەنئەت ئويۇنى، «قىشتىكى مۇزىكا»تەربىيەسى مەخسۇس مەيدانى، «قىشتىكى مۇھەببەت»ياشانغانلار داشۆسى مەخسۇس مەيدانى، «قىشتىكى چۈش»كارخانىلار مەخسۇس مەيدانى قاتارلىق 10 نەچچە مەخسۇس مەيدان ئويۇنى ھەر قايسى يېزا-بازار ئاھالىلەر كومېتىتلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن قويۇلۇپ شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى جەلپ قىلىش بىلەن بىرگە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇرچىن ناھىيەسى ئاھالىسى چۈ شۈديەن مۇنداق دېدى: ئويۇن ناھايىتى ياخشى ئوينالدى، ئويۇندا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، يەنە بۇرچىن ناھىيەسى خەلقىنىڭ روھى قىياپىتى نامايەن قىلىنىپتۇ. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى ساۋ جۈنجۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئويۇن ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، بۇ خىل مىللىي ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئەڭ گۈزەل تەرىپىنى كۆپچىلىككە نامايان قىلىپ بەردى.

  بۇرچىن ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ باۋيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «قىشتىكى بالىلار چۆچىكى» مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى قويۇلۇش مەيدانى كۆپ، نومۇرلار كۆپ، ئامما ئارتېسلىرى كۆپ، 11 مەخسۇس مەيدان، 160 نومۇر، 1000 نەپەر ئارتېس بار بولۇپ قويۇق بايرام تۈسىنى شەكىللەندۈردى. بۇرچىن ناھىيەسى ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، نۇقتىلىق سەنئەت بايرىمى ۋە تائام بايرىمىنى ئۆتكۈزدى، ساياھەتچىلەر قېتىم سانى ۋە كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %40 ئەتىراپىدا ئاشتى، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ بۇرچىنغا كېلىپ مەدەنىيەت قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

(مەمەتئېلى ھەسەن تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى