شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى.(مۇخبىر رېن جياڭ، تاڭ كەندۇڭ خەۋەر قىلىدۇ) چاغاندا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە نۇقتىلىرى باش تېمىسى روشەن، ئالاھىدە مەدەنىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەرخىل ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ ساياھەتچىلەرنى چاغان خۇشاللىقىغا چۆمدۈردى.
پارقىراق ھەم سۈزۈك قار-مۇز، قويۇق بايرام پۇرىقى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ بايرام ئۆتكۈزۈشكە جەلب قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، شىنجاڭ 1 مىليون 952 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.14 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 2 مىليارد 397 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %78.08 ئاشقان، ساياھەت ئىستىمالى كىشى بېشىغا 1227.66 يۈەن بولغان.
(مەمەتئېلى ھەسەن تەرجىمىسى)