تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بىر ئۆمۈر بىرلا ئىش قىلىمەن، مەن ۋەتەن ئۈچۈن قوغدىغۇچى بولىمەن»

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

  2-ئاي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ سەھىرى، قاتتىق سوغۇق يۈزگە سانجىلاتتى.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىر جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 10-شىسىنىڭ 185-تۈەنىدىكى جۈنۋۇ قاراۋۇلخانىسى(ئەسلىدىكى ساندىك خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسى)دا، قاراۋۇلخانا دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قىپقىزىل ئىككى پانۇس ئېسىلغانلىقىنى، دەرۋازىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەخت خېتىنىڭ چاپلانغانلىقىنى، ئىككى تەرىپىگە چۈنليەن چاپلانغانلىقىنى كۆردى.

  چېگرا قوغدىغۇچى ما جۈنۋۇ 30 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆزىتىش مۇنارىدا تۇرۇپ، دۇربۇن بىلەن چېگرا ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتاتتى. قېلىن پاختىلىق كىيىم كىيىپ، نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇس قاتتىق سوغۇققا قارىماي دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، كۆزىتىش مۇنارىغا چىقىپ كۆزىتىش، تىزىدىن ئاشىدىغان قاردا مېڭىش... بۇلار ما جۈنۋۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ئىدى.

  ما جۈنۋۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، چاغان مەزگىلىدە، ئۇ ئوخشاشلا چېگرا قوغدىغۇچى بولغان خوتۇنى بىلەن بىللە چېگرا لىنىيەسىنى چارلاش سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىپتۇ.

  «بىر ئۆمۈر بىرلا ئىش قىلىمەن، مەن ۋەتەن ئۈچۈن قوغدىغۇچى بولىمەن!» بۇ، ما جۈنۋۇ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر جۈملە سۆز. 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.

  چېگرا چارلاش، سۇنى قوغداش، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش... 19 ياشتا قاراۋۇلخانىغا كېلىپ، بۈگۈنگىچە بۇ جاينى 31 يىل ساقلىدى.

  31 يىلدىن بۇيان، ما جۈنۋۇ 400 جۈپتىن ئارتۇق رېزىنكە ئاياغنى يىرتىپ بولدى، 40 يۈرۈشتىن ئارتۇق ھەربىي فورمىنى كونىراتتى، 30 نەچچە خاتىرىگە چېگرا ئەھۋالى نۆۋەتچىلىك خاتىرىسىنى يازدى.

  «2001-يىلى، دۆلەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئالقابېك چېگرا دەرياسىدا ئىككى قارارلىق مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى قىلدى.»

  «2003-يىلى، ساندىك خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسى، 32-نومۇرلۇق چېگرا تېشى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، زېمىننى قوغداش خاتىرە مۇنارى بىڭتۈەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى قوغداش ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.»

  «2006-يىلى، قاراۋۇلخانا قايتىدىن رېمونت قىلىنىپ قۇرۇلدى، گۈللەر تېرىلدى، يېڭى كۆكتاتلارنى يېيەلەيدىغان بولدۇق، چىراغ، تېلېفون ئورنىتىلدى، تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدۇق، مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىمىزدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى.»

  «2017-يىلى، 185-تۈەن تەۋەلىكىدىكى بەيشاخۇ مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى، 185-تۈەن بىڭتۈەننىڭ قىزىل ساياھەت لىنىيەسىدىكى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىتقا ئايلاندى.»

  ......

  «چېگرانى ساقلاش، چېگرانى قوغداش بۇ تۇپراقنى قىزغىن سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن.» ما جۈنۋۇ مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا، دۆلەتتىن تارتىپ ئاپتونوم رايونغىچە، چېگرادىكى كەنت ۋە بىڭتۈەننىڭ تۈەن-چاڭلىرىنى يۆلەش سالمىقى زورايتىلدى، پۇقرالارنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، كۈنلىرىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  بۈگۈنكى كۈندە ما جۈنۋۇنىڭ يەنى بىر سالاھىيىتى كۆپەيدى، ئۇ بولسىمۇ چېگرا مۇداپىئە بىلىملىرىنى خالىس چۈشەندۈرگۈچى.

  «ۋەتەن ئېھتىياجلىقلا بولىدىكەن، چېگرانى قوغداش ئېھتىياجلىقلا بولىدىكەن، تۈەن-چاڭ ئېھتىياجلىقلا بولىدىكەن، ھەرقانچە جاپا، ھەرقانچە ھېرىپ-چارچاشتىنمۇ قورقمايمەن» دېدى ما جۈنۋۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى